روزى سوپى ئۇچتېكىن
گەپ سېتىش
بۈگۈن يەنە گەپ ساتتىم،
ئالما تەملىك دەپ ساتتىم.
ئالما تەملىك بولغاچقا،
بىر تەرەپتىن يەپ ساتتىم.
بۈگۈن يەنە گەپ ساتتىم،
نېسىي ئەمەس، نەق ساتتىم.
ئالدىمىدىم ھېچكىمنى،
دەيمەن شۇڭا ھەق ساتتىم.
بەك قىزىقكەن دېدىڭلار،
جىڭلاپ بەرسەم ئىككى سەر.
بەزى گېپىم بىر تىيىن،
بەزى گېپىم بولدى زەر.
تالاشماڭلار بالىلار،
خېلى يوغان گەپ خالتام.
ھەممىڭلارغا يەتكۈدەك،
سۆزلەپ بەرگەن جان دادام.
داداڭ كىم دەپ قالماڭلار،
دادام دېگەن يازغۇچى.
ئۇخلىماستىن ھەر ئاخشام
سۆز كانىنى قازغۇچى.
شۇڭا مېنىڭ گەپلىرىم،
تۈگىمەيدۇ ساتساممۇ.
يېڭىلمەيمەن ھېچقاچان
لاپ دېگەننى ئاتساممۇ.
سىرلىق ئىكەن سۇ دېگەن
سىرلىق ئىكەن سۇ دېگەن،
بەكمۇ ھەيران بولدۇم مەن.
كەچ كىرگۈچە كۆزىتىپ،
خۇشاللىققا تولدۇم مەن.
سىرلىق ئىكەن سۇ دېگەن،
تەمى ھەمدە رەڭگى يوق.
توڭۇپ كەتسە قاتتىقكەن،
تۇتۇپ باقسام بەك سوغۇق.
ئالقىنىمغا ئالساملا،
قېچىپ كېتەر توختىماي.
ئۆتۈپ كېتەر ئالدىمغا،
كېچىسىمۇ ئۇخلىماي.
سىرلىق ئىكەن سۇ دېگەن،
قەغەز قىيىق ئاقاركەن.
ئۇسساپ كەتكەن ئېتىزغا،
يۈرىكىنى ياقاركەن.
سىرلىق ئىكەن سۇ دېگەن،
بۇلاق، كۆلدە، دەريادا.
بولماس ئىكەن ھاياتلىق
سۇ بولمىسا دۇنيادا.
سىرلىق ئىكەن سۇ دېگەن،
پار بولاركەن ياز بولسا.
يېغىۋاتقان سۇ ئىكەن،
قار بولاركەن قىش بولسا.