تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
تەخەللۇس تەتقىقاتىمىز ھەققىدە ئىككى كەلىمە

ئەكبەر قادىر

ئەدەبىيات تەتقىقاتىدا يازغۇچى، شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن باشقا ئۇلار قوللانغان ئەدەبىي تەخەللۇسلارمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. تەخەللۇس قوللىنىش گەرچە ھەممىلا ئەدىب ئۈچۈن شەرت بولمىسىمۇ، ئەمما ھەرقانداق بىر مىللەت ئەدەبىياتى ئۈچۈن بىر ياخشى ئەنئەنىدۇر. بۇ ئەنئەنە ئەدىبلەرنىڭ ئىجادىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئىجادىيەت قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە، شۇنىڭدەك ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىلغار ئىجتىمائىي ئىدىيەلىرىدىن ئۆگىنىشتە ئاكتىپ ۋە ئىجابىي روللارنى ئوينايدۇ.

ئەدەبىي تەخەللۇس قوللانغانلىق كۆپ ھاللاردا بىر ئەدىبكە نىسبەتەن، شۇ ئەدىبنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە رەسمىي كىرىشىپ، ئەدەبىي تالانتىنى رەسمىي جارى قىلدۇرۇشقا باشلىغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولىدۇ، شۇڭا تەخەللۇس قوللىنىشنى ئەدىبكە نىسبەتەن ئۇنىڭ ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئىقتىدارى ھەم ئورنىنىڭ ئۆسۈۋاتقانلىقى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇشقا بولىدۇ.

تەخەللۇس قوللىنىش ھەربىر ئەدىبنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش، ئەمما شۇ نۇقتىنى ئويلانماي بولمايدۇكى، قانداق تەخەللۇس قوللىنىش پۈتۈنلەي ئەدىبنىڭ ئىختىيارىغا بېقىپمۇ كەتمەيدۇ. ئەدەبىي تەخەللۇس قوللىنىش بەلگىلىك ئىجتىمائىي مەجبۇرىيەت ئېڭىنى، ئەدىب ياشاۋاتقان دەۋرنىڭ تەلىپى ھەم ئېھتىياجىنى، ئەدىبتە شەكىللەنگەن دۇنيا قاراشنى شەرت قىلىدۇ. ئەدىبلەر تەخەللۇس قوللانغاندا، ئەنە شۇ ئالدىنقى شەرتلەرنى تەبىئىي ئويلىشىدۇ ھەم شۇنداق بولۇشى كېرەك، بەزىدە ھەتتا شۇ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىدۇ. ئەدەبىيات تارىخىغا نەزەر ئاغدۇرىدىغان بولساق، بەزى ئەدىبلەرنىڭ يۇرتى، ۋەتىنىنى سۆيۈش ئېڭىنى چىقىش قىلىپ تەخەللۇس قوللانغانلىقىنى؛ بەزى ئەدىبلەرنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان دەۋر يۈكلىگەن مەجبۇرىيەتلەرنى نەزەردە تۇتۇپ تەخەللۇس قوللانغانلىقىنى؛ يەنە بەزى ئەدىبلەرنىڭ مەلۇم ئىلغار دۇنيا قاراشنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆزىگە، ئارزۇ - غايىسىگە باب كېلىدىغان تەخەللۇسنى تاللاپ قوللانغانلىقىنى كۆرىمىز. دېمەك، تەخەللۇس قوللىنىشنىڭ ئىجتىمائىي ئەھمىيىتى بىلەن ئەدەبىي قىممىتى ئەنە شۇنداق تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدىنمۇ زور ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك ھادىسە.

ئەدىبلەر تەخەللۇسلىرىنى مەيلى قايسى نۇقتىدىن ئويلىشىپ قوللانمىسۇن، بۇ تەخەللۇسلار مەلۇم ئاكتىپ، رېئال مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. تەخەللۇسشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، بۇ مەنە خاسلا تەخەللۇسنىڭ مەنىسى بولۇپ قالماي، يەنە شۇ ئەدىبنىڭ ئەسەرلىرىنىڭمۇ مەنىسى بولالايدىكەن. بۇ مەنە ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئەدىب ياراتقان بارلىق ئىجادىيەتلەردە تىرەن ھالدا ئۆز ئىپادىسىنى تېپىپ، كىتابخان ھەم تەتقىقاتچىلارنى قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدىكەن.

ئەدەبىي تەخەللۇسنىڭ ئەنە شۇنداق مۇھىملىقى سەۋەبىدىن 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە، ئەدەبىياتشۇناسلىقتا يېڭى بىر تەتقىقات ساھەسى بولغان تەخەللۇس تەتقىقاتى بارلىققا كەلتۈرۈلدى. بۇ تەتقىقاتتا ئاساسلىقى ئەدىبلەرنىڭ تەخەللۇسلىرى توپلاندى، ئۇنىڭ مەنىسى شەرھلەپ بېرىلدى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تەخەللۇس بىلەن ئەدىبلەرنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت، تەخەللۇس بىلەن ئەدىبلەر يازغان ئەسەرلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ھەمدە ئەدىبلەر ياشىغان دەۋرنىڭ مۇناسىۋىتى... دېگەندەك تۈرلۈك تەرەپلەرمۇ تەتقىقات نۇقتىسى بولدى. نۆۋەتتە تەخەللۇس تەتقىقاتى يەنىمۇ چوڭقۇرلىماقتا. ھەرقايسى ئەل ئەدىبلىرى قوللانغان تەخەللۇسلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئەھمىيىتى، مەنە قاتلىمى قاتارلىقلارنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش نۆۋەتتىكى تەخەللۇس تەتقىقاتىنىڭ بىر يۈزلىنىشى بولۇۋاتىدۇ، تەخەللۇس تەتقىقاتىنىڭ بۇنداق يۈزلىنىشى كىتابخانىلارنىڭ ئەدىبلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشى، ئەدەبىي مۇھىتتىن تېخىمۇ چوڭقۇر زوق، ئىلھام ئېلىشى شۇنداقلا بىر قىسىم بىخ ھالىتىدىكى ئىجادىيەت يوللىرىغا يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىش رولىنى ئوينىشى ئېھتىمال.

ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتىدىن ئېلىپ ئېيتساق، تەخەللۇس تەتقىقاتى ھازىرمۇ بىزدە بىر بوشلۇق ھالەتتە تۇرماقتا. ئېلىمىز خەنزۇ ئەدەبىياتىدا 20- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدىن كېيىن تەخەللۇس تەتقىقاتى رەسمىي باشلىنىپ كەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن تاكى يېقىنقى دەۋرلەرگىچە «جۇڭگو يازغۇچىلىرىنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسلىرى»، «لۇ شۈن ئەدەبىي تەخەللۇسلىرى» دېگەنگە ئوخشاش مەخسۇس تەخەللۇس تەتقىقاتىغا دائىر ئونغا يېقىن كىتاب نەشر قىلىندى، نۆۋەتتە بۇ خىل تەتقىقات يەنىمۇ چوڭقۇر ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئەدەبىي تەخەللۇس قوللىنىش ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلار رەسمىي باشلانمىدى. مەلۇمكى،  كىلاسسىك ئەدىبلىرىمىزدىن ھەممىسى دېگۈدەك ئۆزلىرىگە ئەدەبىي تەخەللۇس قوللانغان ئىدى. بۇ ئەنئەنە 20- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن. كىلاسسىك ئەدىبلەرنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان ئابدۇقادىر داموللا، مەمتىلى تەۋپىق، قۇتلۇق شەۋقى، ل. مۇتەللىپ، نىم شېھىت، تېيىپجان ئېلىيوف، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرلەر ئۆزلىرىگە ئەدەبىي تەخەللۇس قوللىنىپ، ئەدەبىي تەخەللۇس قوللىنىشتەك بۇ ياخشى ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرغان. 20- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، 2- ئەۋلاد ئەدىبلىرىمىزنىڭ بىر قىسىملىرىدا بۇ ئەنئەنە ئۈزۈلۈپ قالدى. بۇ ئەدىبلىرىمىز شۇنچە كۆپ نەتىجىلەرنى ياراتقان، ئەدەبىياتقا بولغان قىزغىنلىقى شۇنچە يۇقىرى، شۇنىڭدەك ئۆزىگە خاس كەچۈرمىشلەرگە ھەم ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئۆزلىرىگە ئەدەبىي تەخەللۇس ئىشلەتمىدى. بۇنىڭلىق بىلەن ئەدەبىياتىمىزنىڭ مۇشۇ بىر بۆلىكىدە، تەخەللۇس قوللىنىش ئەنئەنىمىزدە ئۈزۈلۈش ھادىسىسى كۆرۈلدى.

تەخەللۇس قوللىنىش ئەنئەنىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىنى ئەدىبلەرنىڭ پوزىتسىيەسىدىن ئىزدىگەندىن كۆرە، تەخەللۇس تەتقىقاتىمىزنىڭ ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىدىن كۆرگەن تۈزۈك. بىز تەخەللۇس قوللىنىشتا شۇنچە ئۇزاق تارىخقا ئىگە تۇرۇقلۇق، تەخەللۇس ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنى ھېچقانچە ئېلىپ بارالمىدۇق، ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ھەم رئېال قىممىتىنى يورۇتۇپ يازغۇچى شائىرلىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېتىبارىنى قوزغىيالمىدۇق. يازغۇچى، ئەدىبلەرنى، ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبى، مۇساپىلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىشتا، شۇ ئەدىبلەرنىڭ تەخەللۇسلىرىنى ئانچە نەزەرگە ئېلىپ كەتمىدۇق. تەخەللۇسلارنىڭ قوللىنىش سەۋەبى، تۈزۈلۈشى، تۈرى، ئىجتىمائىي مەنىسى، ئەدىبنىڭ ئىجادىيەت يولى ۋە پىسخىك ئالاھىدىلىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، دۇنيا قارىشى شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىجادىيىتىگە قانداق تۈرتكىلىك روللارنى ئوينىغانلىقى بىلەن بولغان باغلىنىشى دېگەندەك تەرەپلەردە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، بۈگۈنكى ئەدىبلەرنى ئەھمىيەتلىك ھەم زۆرۈر ئۇچۇرلارغا ئىگە قىلالمىدۇق، قوللىنىشنىڭ ئەھمىيىتىگە بولغان بىلىشكە چوڭقۇر يېتەكلىيەلمىدۇق. نەتىجىدە، ئەدىبلىرىمىزدە تەخەللۇس قوللىنىشقا نىسبەتەن قىزغىنلىق سۇس بولدى، تەخەللۇس قوللىنىشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىك پىسخىكىسى شەكىللەندى.

ئەمەلىيەتتە ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەككى، تەخەللۇس تەتقىقاتىنى ئېلىپ بېرىش ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ بىر تەرەپتىن ئەدەبىيات تەتقىقاتىنى مۇكەممەل رەۋىشتە ئېلىپ بېرىشتا پايدىلىق رول ئوينىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھەرقايسى دەۋر ئەدىبلىرىنى، شۇنىڭدەك ھەرقايسى رايون ۋە دۆلەت ئەدىبلىرىنى بىر - بىرىدىن ئۆگىنىش، بىر - بىرىنى چۈشىنىش، بىر - بىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ئەدىبلەرنىڭ ئەدەبىيات ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ئىجادىيەتتە خاسلىق يارىتىش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

نۆۋەتتە، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ياش ئەدىبلىرىمىزدە تەخەللۇس قوللىنىش قىزغىنلىقى بىرقەدەر يۇقىرى بولماقتا. كۆپلىگەن ياش ئەدىبلەر بۈگۈنكى دەۋرگە خاس جۇشقۇن روھىي كەيپىيات ھەم ئەدەبىياتىمىزدىكى گۈللىنىشنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆزلىرىگە مەزمۇنى ئىلغار، ئەھمىيەتلىك، گۈزەل ئەدەبىي تەخەللۇسلارنى ئىشلەتمەكتە. بۇ ھال بىزگە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تەخەللۇس تەتقىقاتىنى ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەمدە تولىمۇ تەخىرسىزلىكىنى ھېس قىلدۇرماقتا.

مەنبە: http://mp.weixin.qq.com/s?__biz=MjM5NDg2MDk4NA==&mid=401407844&idx=3&sn=d63d36be6696f335eebf97ec4492251b&scene=23&srcid=0108Ar6lcyCPe71XGkyUrGY2#rd&ADUIN=331957901&ADSESSION=1452233489&ADTAG=CLIENT.QQ.5437_.0&ADPUBNO=26517

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز