تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
بىر خىل يېمەكلىككە بولغان ئامراقلىق ۋە سالامەتلىك (1)

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە ئامراق بولۇش. تاتلىق-تۈرۈم تال بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. تۇيۇقسىز تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە ئامراق بولۇپ قېلىش ئېھتىمال تال ئىقتىدارىنىڭ ناچارلاشقانلىقىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن. 


چۈچۈمەل نەرسىلەرنى يېيىشكە ئامراق بولۇش. چۈچۈمەل يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە ئامراق بولۇپ قېلىش تىلغا ئېلىنسا، بىرىنچى بولۇپ ھامىلدارلىق كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. بۇ بەدەندىكى خىلىتلارنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان تەم ئۆزگىرىش ھېسابلىنىدۇ. جىگەر ئىقتىدارى ياخشى بولمىسا ئادەم چۈچۈمەل يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە ئامراق بولۇپ قالىدۇ. 


قىرتاق يېمەكلەرنى يېيىشكە ئامراق بولۇش. ئادەم يۈرەك ئىقتىدارى زەئىپلەشكەن ۋاقىتتا بىردىنلا قىرتاق يېمەكلەرنى يېيەلەيدىغان ياكى قىرتاق يېمەكلەرگە ئامراق بولۇپ قالىدۇ. 


تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە ئامراق بولۇش. ئاغزىغا بىرەر نەرسە ئاسان تېتىمايدىغان، تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە ئامراق كىشلەرنىڭ بەدىنىدە يود كەم بولۇشى مۇمكىن. تۇزنى ھەددىدىن ئارتۇق ئىستېمال قىلغاندا ئوڭايلا يۇقىرى قان بېسىمى، بۆرەك كېسەللىكى پەيدا بولىدۇ. يودنى خەيدەي، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق تولۇقلاش لازىم. 


ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە ئامراق بولۇش. ئۆپكە ئىقتىدارى ئاجىزلاشقاندا ئاچچىق يېمەكلەرنى ئىستېمال قىلسا، ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. تۇيۇقسىز ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە بەك ئامراق بولۇپ كەتكەندە ئۆپكىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كېسەللىكلەرگە دىققەت قىلىش لازىم.


ئاشپۇزۇلغا كىرىشكە ئامراق بولۇش. سىرتتىكى ئاشپۇزۇللارنىڭ قورۇمىلىرىنىڭ تەمىنى ئۆزگىچە بىلىدىغانلار قورۇما ئىچىگە كۆپ مىقداردا تېتىتقۇ سېلىنىشتىن ئېھتىيات قىلىشى لازىم، ئۇزاق مۇددەت ئاشپۇزۇلدا تاماق يېيىش سالامەتلىككە پايدىسىز. 


بانان يېيىشكە ئامراق بولۇش. باناندا كالىي مىقدارى مول. سىزنىڭ بەك بانان يېگۈڭىز كەلسە، بۇ بەدىنىڭىزدىكى كالىينىڭ تۈگۈۋاتقانلىقىنىڭ تەبىئىي ئىنكاسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ كىچىك تەرەتنى راۋان قىلىدىغان دورىلارنى ئىچىۋاتقان كىشىلەر بانان يېيىشكە تولىمۇ ئامراق كېلىدۇ. 


زەيتۇن يېيىشكە ئامراق بولۇش. تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە ئامراق كىشىلەر زەيتۇننىمۇ ياخشى كۆرىدۇ، زەيتۇن يېيىشكە ئامراق بولۇپ قالسا قالقانسىمان بەز ئىقتىدارىڭىز ئېشىپ كەتكەنلىكىنىڭ بىشارىتى بولۇشى مۇمكىن. 


ئالما يېيىشكە ئامراق بولۇش. دائىم گۆش يەيدىغان كىشلەرگە ئالما ئىنتايىن تەملىك بىلىنىدۇ، چۈنكى ئالما ئىچىدىكى مېۋە يىلىمى خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدۇ، بۇ ئادەم بەدىنىدىكى تەبىئىي تۇيغۇنىڭ تەلىپى ھېسابلىنىدۇ. 


قايماق يېيىشكە ئامراق بولۇش. قايماقنىڭ تەمى تۇزلۇق كېلىدۇ، كىشىلەرنىڭ قايماق يېيىشكە ئامراق بولۇشى ئالاھىدە تۇزلۇق ۋە مەززىلىك تائاملارنى ياخشى كۆرۈشىدىن بولىدۇ. گۆش يەيدىغان كىشلەردە گۆش تۈرى ۋە ئاقسىل كەمچىل بولغاچقا، قايماققا ئالاھىدە ئامراق كېلىدۇ. 

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز