تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن بەدەندە كۆرۈلىدىغان ئۆزگىرىشلەر

ئامېرىكا كېسەلنى كونترول قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش مەركىزىنىڭ ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، تاماكىنى تاشلىغاندىن كېيىنكى 20 مىنۇت ئىچىدە بەدەندە تۆۋەندىكىدەك ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلۈشكە باشلايدىكەن: 20 مىنۇتتىن كېيىن قان بېسمى، تومۇرنىڭ ھەرىكىتى نورماللىشىپ، قول ۋە پۇتلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئەسلىگە قايتىپ، سەككىز سائەتتىن كېيىن قاندىكى كاربون چالا ئوكسىدىنىڭ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ نورماللىشىدىكەن، 42 سائەتتىن كېيىن يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش خەۋپى تۆۋەنلەشكە باشلايدىكەن. 48 سائەتتىن كېيىن نېرۋا شاخچىلىرىنىڭ ئۇچى يېڭى باشتىن ئۆسۈشكە باشلايدىكەن. پۇراش ۋە تەم ئىقتىدارى كۈچىيىدىكەن، ئۈچ ئايدىن كېيىن قان ئايلىنىش ياخشىلىنىپ، ھەرىكەتلىنىش ئىقتىدارى كۈچىيىپ، ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارى %30 ئاشىدىكەن. بىر ئايدىن توققۇز ئايغىچە بولغان ۋاقىتتىن كېيىن يۆتىلىش، بۇرنى قىزىرىش، چارچاش، نەپەس تىقىلىش يېنىكلەپ، ئۆپكىنىڭ تاشقى پەردىسىدىكى كېلتكا تالچىقلىرى قايتىدىن ئۆسۈشكە باشلايدىكەن. شىلىمشىق سۇيۇقلۇقىنى سىرتقا چىقىرىش ئىقتىدارى ئاشىدىكەن، يۇقۇملىنىش ئازىيىدىكەن. بەدەننىڭ ئومۇمىي زېھنىي كۈچى ئاشىدىكەن، بىر يىلدىن كېيىن تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش خەۋپى تاماكا چەككۈچىلەرنىڭكىدىن %50 تۆۋەنلەيدىكەن، بەش يىلدىن كېيىن، ئەسلىدىكى ھەر يىلى بىر قاپ تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى%50 تۆۋەنلەيدىكەن. سەكتە كېسىلىنىڭ قوزغىلىش خەۋپى تاماكا تاشلىغان بەش يىلدىن ئون بەش يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە تۆۋەنلەپ، تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ سەۋىيەسىگە يىقىنلىشىدىكەن. ئېغىز راكى، كاناي راكى ۋە قىزىلئۆڭگەچ راكى بولۇش خەۋپى تۆۋەنلەپ، تاماكا چەككۈچىلەرنىكىدىن %50 ئازلايدىكەن، ئون يىلدىن كېيىن ئۆپكە راكى بولۇپ ئۆلۈش نىسبىتى تاماكا چەكمەيدىغانلار بىلەن ئوخشاش بولىدىكەن. راك بولۇش ئالدىدىكى كىلىتلار نورمال كىلىتلارغا ئۆزگىرىپ، ئېغىز راكى، كاناي راكى، قىزىلئۆڭگەچ راكى، دوۋسۇن راكى، بۆرەك راكى ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى راكى بولۇش خەۋپى تۆۋەنلەيدىكەن، 15 يىلدىن كېيىن تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بولۇش خەۋپى تاماكا چەكمەيدىغانلار بىلەن ئوخشاش بولىدىكەن.

ئەكبەر ۋەلى تەييارلىغان


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز