ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
ئاياللار ئۆزىنى دائىم سەمرىپ كەتكەندەك ھېس قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار بۇنىڭ تېلېۋىزورنى كۆپ كۆرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈشمەيدۇ. ئەنگىلىيەلىك مۇتەخەسىسلىرنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدىن بايقىلىشىچە، ئاياللار تېلېۋىزورنى قانچە كۆپ كۆرسە، «ئورۇق بولسا شۇنچە گۈزەل بولىدۇ» دېگەن ئاڭ شەكىللىنىپ قالىدىكەن ھەمدە ئۆزىنى سېمىز دەپ دائىم ئاغرىنىپ يۈرىدىكەن.
مۇتەخەسسلەر ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئەر-ئاياللارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق غەرب ئەللىرىنىڭ كىنولىرىنى كۆرگەن ئاياللارنىڭ فىگۇرىسىغا بولغان تونۇشنىڭ ئوخشاش بولمىغان تەسىرنى بايقاپ چىققان، تەتقىقاتقا قاتناشقانلار شەھەردىن كەلگەنلەر، دائىم تېلېۋىزور كۆرىدىغان دېھقانلار ۋە تېلېۋىزورنى ئاز كۆرىدىغانلار بولۇپ، مۇتەخەسسلەر ئاخىرىدا مۇنداق يەكۈن چىقارغان:يېزىلاردىكى تېلېۋىزورنى ئاز كۆرىدىغان كىشىلەر سېمىزلىكنى گۈزەللىك دەپ قارىغان؛ شەھەردىكى تېلېۋىزورنى كۆپ كۆرىدىغان كىشىلەر زىلۋا ۋە ئورۇق بولۇشنى گۈزەللىك دەپ قارىغان؛ تېلېۋىزورنى كۆپ كۆرىدىغان يېزىدىكى كىشىلەرنىڭ فىگۇرا گۈزەللىكىگە بولغان قارىشى ئوتتۇرھال ئورۇندا تۇرغان.
مۇتەخەسسلەر بۇ توغرىسىدا مۇنداق دېيىشكەن: مەيلى ئەر ياكى ئاياللار بولسۇن ھەممىسى تېلېۋىزور كۆرۈۋەرگەنسېرى ئورۇق ئاياللارغا ھەۋەس قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ، بولۇپمۇ ياش قىزلاردا بۇخىل ئەھۋال كۆرۈنەرلىك بولغانلىقتىن، ئۇلاردا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى كەمچىل بولۇش جىمغۇر بولۇپ قېلىش ھەمدە ئوزۇقلىنىشى قالايمىقانلىشىش ئەھۋاللىرى پەيدا بولىدۇ، ھەتتا بۇ خىل قاراشنىڭ ئېغىرلىشىشى ئاياللارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا ناچار تەسىر كۆرسىتىدۇ.