تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
بالىلار ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق ۋە زىيانلىق يېمەكلىكلەر

بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېمەكلىكلەر

1. تېرىق: تېرىقنىڭ تەركىبىدە مول بولغان ئاقسىل، ياغ، كالىتسىي، تۆمۈر، ۋىتامىن B قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بولۇپ، كىشىلەر مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدىغان ئاساسلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار دەپ قارايدۇ.

2. تۇخۇم: تۇخۇمنىڭ تەركىبىدە مول بولغان لېتسىتىن بار. ئۇ مېڭىدىكى ئاتسېتىلخولىننىڭ كۆپلەپ قويۇپ بېرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بالىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ۋە قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. ئەگەر بالىلار ھەركۈنى ئەتتىگەندە بىر-ئىككى تال تۇخۇم يەپ بەرسە، بەدەننى ۋە مېڭىنى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە بالىلارنىڭ ئۆگىنىش جەريانىدىكى زېھنىي قۇۋۋىتىنى ئۇرغۇتۇپ تۇرىدۇ.

3. پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر: سېرىق پۇرچاق تەركىبىدە ئىنتايىن مول بولغان سۈپەتلىك ئاقسىل ۋە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بار، ئۇلار مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشى ۋە تولۇقلىنىشىدىكى ئاساسلىق تەركىب. سېرىق پۇرچاق تەركىبىدە يەنە %1.64 لىك لېتسىتىن، تۆمۈر شۇنداقلا ۋىتامىن قاتارلىق بولۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، بالىلارنىڭ ئەستە تۇتىۋىلىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرىدۇ.

4. بېلىق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر: بېلىق گۆشى تەكىبىدە، گلوبۇلىن، ئاق ئاقسىل شۇنداقلا كۆپ مىقداردا تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، كالىتسىي، فوسفور، تۆمۈر، ۋىتامىن قاتارلىقلار بار. مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، بالىلارنىڭ ئەستە تۇتىۋىلىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئەمما بالىلار بېلىق گۆشىنى ئىستىمال قىلغاندا، بېلىق قىلتىرىقىنىڭ گېلىدە تۇرۇپ قېلىشىدىن قەتئىي ساقلىنىش لازىم.

5. قۇرۇتۇلغان ئۇششاق راك: قۇرۇتۇلغان ئۇششاق راكنىڭ تەركىبىدە كالىتسىي ئىنتايىن مول بولۇپ، ھەر يۈز گىرام قۇرۇتۇلغان ئۇششاق راكنىڭ تەركىبىدە ئىككى مىڭ مىللىگرام كالىتسىي بولىدۇ. بەدەندىكى كالىتسىي يېتەرلىك بولغاندىلا چوڭ مېڭىنىڭ ئەڭ ياخشى خىزمەت ھالىتىدە تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى، شۇنداقلا كالىتسىي يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان بەزى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بالىلار مۇۋاپىق مىقداردىكى قۇرۇتۇلغان ئۇششاق راكنى ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئەستە تۇتىۋىلىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇشقا ۋە سۆڭەك يۇمشاقلىشىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردىمى بولىدۇ.

6. كالا سۈتى: ھەر يۈز گىرام كالا سۈتى تەركىبىدە 3.5 گىرام ئاقسىل، 125 مىللىگرام كالىتسىي بولىدۇ. كالا سۈتى تەركىبىدىكى كالىتسىينىڭ نېرۋىلارنى تەڭشەش، مۇسكۇللارنى روھلاندۇرۇش رولى بار. بالىلار ھەركۈنى ناشتىدىن كېيىن بىر ئىستاكان سۈت ئىچىپ بەرسە، تونۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، چوڭ مىڭىنىڭ ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

7. سامساق-پىياز: سامساق-پىياز تەركىبىدە «سامساق ئامىنى» بولۇپ، بۇ خىل ماددىنىڭ چوڭ مېڭىگە بولغان پايدىلىق تەرەپلىرى ۋىتامىن B دىن نەچچە ھەسسە كۆپ. ئادەتتە بالىلار سامساق-پىياز كۆپ يەپ بەرسە، مېڭە ھۈجەيلىرىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

8. جىگەر، بۆرەك: ھايۋاناتلارنىڭ جىگەر ۋە بۆرىكىدە ئىنتايىن مول بولغان سۈپەتلىك ئاقسىل، گلىكولىپىد، خولىن ۋە تۆمۈر بار. گلىكولىپىد چوڭ مېڭىنىڭ ئەستە تۇتىۋىلىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرىدۇ، تۆمۈر ماددىسى يېتەرلىك بولغاندا، قىزىل قان ھۈجەيلىرىنىڭ ئوكسىگىن يەتكۈزۈپ بېرىشى نورماللىشىپ، بالىلار تېخىمۇ سەزگۈر ۋە چېچەن بولىدۇ.

9. ياڭاق: ياڭاق مېغىزىدا %40-%50 لىك تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، ئادەم مېڭە ھۈجەيلىرىنى تەشكىل قىلغۇچى ماددىلارنىڭ 60% ى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى چوڭ مېڭىنىڭ كام بولسا بولمايدىغان تەشكىل قىلغۇچى ماددىسى، بالىلار دائىم ياڭاق يەپ بەرسە چوڭ مېڭىنىڭ ساغلام يېتىلىشىگە ناھايىتى پايدىلىق.

ئۇنداقتا، قايسى يېمەكلىكلەر بالىلار ئەقىلىي قابىلىيىتىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

1. پىلتە قۇيماق: پىلتە قۇيماق تەبىئىي زەمچە بىلەن شۇلتىنى ئۇنغا ئارىلاشتۇرۇپ پىشۇرىلىدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئاليۇمىن ماددىسى بىر قەدەر يۇقىرى. ئادەم بەدىنى ئاليۇمىننى كۆپرەك قوبۇل قىلغاندا، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش، دېۋەڭلىك، ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ يېتىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

 2. ئاتقان قوناق: كۆممىقوناق ئېتىلدۇرمىسى ئېتىلدۇرۇلۇش جەريانىدا كۆممىقۇناق ئېتىش ماشىنىسىدىكى قوغۇشۇنلارنى يۇقتۇرىۋالىدۇ. قوغۇشۇن بولسا مېڭىنى زەھەرلەيدىغان ئېغىر مېتال ئېلېمېنتى. ئۇ قانغا كىرگەندىن كېيىن، ئورگانىزم مېتابولىزىمىدىكى توسالغۇغا ئايلىنىدۇ، نېرۋا سېستىمىسىنى بۇزىدۇ. يەنە مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىدىكى ئاتسېتىلخولىننىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئازايتىۋىتىپ، ئۆگىنىشتە قىينىلىش، ئەقلىي قابىلىيىتى تۆۋەنلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر: ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر بىردەم قويۇپ قويۇلغاندىن كېيىنلا تەركىبىدە پېروكسىدلانغان ياغ پەيدا بولىدۇ. ئۇ ئادەم تىنىگە كىرگەندىن كېيىن، ۋىتامىنلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ چوڭ مېڭىنىڭ بالدۇر قېرىشىنى ۋە دېۋەڭلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ نورمال تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ كۈندىلىك يېمەك-ئىچمىكىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك.

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز