تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
بەش خىل ئەھۋالدا يۇيۇنماڭ

 1. جىددىي ئەمگەكتىن كېيىنلا يۇيۇنماڭ

    مەيلى جىسمانىي ئەمگەكتىن كېيىن ياكى ئەقلىي ئەمگەكتىن كېيىن بولسۇن، چوقۇم بىر ئاز ئارام ئېلىۋېلىپ ئاندىن يۇيۇنۇش كېرەك، بولمىسا ئاسانلا يۈرەك ۋە مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا ئادەم ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن.

    2. قىزىپ قالغاندا يۇيۇنماڭ

    ئادەمنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ ℃83قا چىققاندا، بەدەننىڭ ئىسسىقلىق سەرپىياتى% 20 ئېشىپ، بەدەن ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ، ئەگەر مۇشۇنداق چاغدا يۇيۇنسا، ئاسانلا كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەر يۈز بېرىدۇ.

    3. قان بېسىم بەك تۆۋەن چاغدا يۇيۇنماڭ

    يۇيۇنغاندا سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرىراق بولۇشى سەۋەبىدىن قان تومۇرلار كېڭىيىپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قان بېسىمى تۆۋەن كىشىلەردە ئاسانلا كۆڭلى ئاينىش، بېشى قېيىش، نەپىسى قىسىلىش، ماغدۇرسىزلىنىش، تاتىرىش، ھەتتا يىقىلىپ چۈشۈش قاتارلىق خەتەرلىك ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ.

    4. ھاراق ئىچىپلا يۇيۇنماڭ

    ھاراق ئىچىپلا يۇيۇنغاندا، قان قەنتى دەل ۋاقتىدا تولۇقلىنالماي ئاسانلا باش قېيىش، كۆز تورلىشىش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ، ئېغىرراق بولغاندا قان قەنتى تۆۋەنلىك سەۋەبىدىن ھوشسىزلىنىش كېلىپ چىقىدۇ.

    5. بەك تويۇنغان ۋە ئاچ قورساق ھالەتتە يۇيۇنماڭ

    بەك تويۇنۇپ يۇيۇنغاندا، سىرتقى قان تومۇرلار كېڭىيىپ كۆپرەك قان سىرتقى بەدەنگە قاراپ ئاقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قورساق بوشلۇقىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى نىسبەتەن ئازىيىپ، ھەزىم قىلىش ۋە قوبۇل قىلىشقا تەسىر يېتىدۇ، ئاچ قورساق يۇيۇنغاندا، ئاسانلا قان قەنتى تۆۋەنلەش، كۆڭلى ئاينىش، بېشى قېيىش، نەپىسى قىسىلىش، ماغدۇرسىزلىنىش، تاتىرىش، ھەتتا يىقىلىپ چۈشۈشتەك خەتەرلىك ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ.

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز