تاللانغان رازۋېدكا ھېكايىلىرى (41)
زەھەرلىك يىڭنە بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسى
تاڭ سەھەردە يۇلتۇز كۆزىتىش مۇنارىسىدىن سۇپىسىدىن ئاسپىرانت ساتتارنىڭ جەسىتى تېپىلدى، ئۇنىڭ ئوڭ كۆزىدە تەخمىنەن ئۈچ سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئىنچىكە زەھەرلىك يىڭنە بار ئىدى.
يۇلتۇز كۆزىتىش مۇنارىنىڭ دەرۋازىسى قۇلۇپلاقلىق بولۇپ، قۇلۇپ بۇزۇلمىغانىدى، ساتتار دەرۋازا قۇلۇپلانغاندىن كېيىن مۇنارغا چىققان، شۇڭا قاتىل دەرۋازىدىن كىرمىگەن. بۇ سۇپا يەردىن 26 مېتىر ئېگىز بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىدا كەڭلىكى 50مېتىر كېلىدىغان بىر دەريا بار ئىدى. تۈنۈگۈن كەچتە شامال چىققان بولۇپ، قاتىل قارشى قىرغاقتىن ياچاق ياكى باشقا نەرسە بىلەن زەھەرلىك يىڭنىنى ئاتقان تەقدىردىمۇ، ساتتارنىڭ ئوڭ كۆزىگە ئۇنداق دەل تەگكۈزەلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
ساقچىلار كەلگەندىكىن ئىككى خىل ئەھۋالنى ئىگىلىدى: بىرى، بۇ يىل يازدا ئۇنىڭ دادىسى كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن، ساتتار ئۆزىگە تېگىشلىك مىراسنى پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە ئىئانە قىلماقچى بولغان.
لېكىن ئۇنىڭ ئىنىسى بۇ ئىشنى ئەخمەقلىق دەپ قارىغان ھەمدە ساتتارغا ئەگەر بۇ ھاماقەتلىكىڭنى توختاتمىساڭ سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ ۋارىسلىق ھوقۇقىڭنى بىكار قىلغۇزۋىتىمەن، دەپ تەھدىت سالغان.
يەنە بىر خىل ئەھۋال: ئالدىنقى كۈنى ئۇنىڭ ئىنىسى بىر خالتا ئېۋەتكەن، لېكىن ساقچىلار ئۇنىڭ نەرسە قاچىلاپ ئەۋەتىلگەن خالتىسىنى تاپالمىغان، تازىلىق ئىشچىسىدىن سورىۋىدى، تازىلىق ئىشچىسى ساتتارنىڭ ئۆيىنى تازلىغاندا ئۇ خالتىنى ئۇچراتمىغانلىقىنى ئېيتتى.
رازۋېدچىكلار باشلىقى ئابباس ئۇ دەريانى كۆرگەندىن كېيىن قاتلىنى تاپتىم دېدى، قاتىلنى تۇتۇشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن دەريادىن قاتىللىق قورالىنى سۈزۈپ ئېلىش كېرەك.
قاتىل كىم؟ رازۋېدچىكلار باشلىقى ئابباس نېمىگە ئاساسەن مۇنداق ھۆكۈم قىلىدۇ؟
رازۋېتكا ھېكايىلىرى (40) نىڭ جاۋابى:
ئەگەر بۇ ئادەم كۈتۈپخانىدا ئۆلتۈرۈلگەن بولسا ئۈنئالغۇ لېنتىسىدا سائەتتىكى كەپتەرنىڭ ۋاقىت مەلۇم قىلغان ئاۋازى بولاتتى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى باشقا جايدا ئاۋاز ئېلىۋاتقاندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.