تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھەقىقەت

ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھەقىقەت

تېڭشۈن تورى 20-فېۋرال خەۋىرى: ھەممە ئادەم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى خالايدۇ، بىراق ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ھايت-ھۇيت دېگۈچىلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس؛ ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ساقلاپ، ئىنچكە نۇقتىلارغىمۇ كۆڭۈل قويغاندا، تېخىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىلى بولىدۇ.
1.  چاي ئىچىشتىن بۇرۇن تولۇق ئارىلاشتۇرۇش
چاي تەركىبىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى خۇرۇچلار يۈرەك كېسەللىكلىرى، راك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇشقا ۋە بالدۇر قېرىشقا قارشى تۇرىدۇ؛ ئىسرائىلىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، مۇۋاپىق مىقداردا چاي ئىستېمال قىلىدىغانلار باشقىلارغا قارىغاندا ئۇزۇنراق ياشايدىكەن؛ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، چاي ئىچىشتىن بۇرۇن چوقۇم تولۇق ئارىلاشتۇرۇش كېرەك ئىكەن، تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ چاينى %15 قېرىشقا قارشى تەركىبلەرنى قويۇپ بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىكەن.
2.  ھەر كۈنى ئەتىگەندە بىر پۇتىدا دەسسەپ تۇرۇش
بۇ ئاڭلىماققا بىر قەدەر غەلىتىدەك بىلىنىدۇ، بىراق ھەر كۈنى ئەتىگەندە كىيىم كىيگەندە، بىر پۇتىدا دەسسەپ تۇرۇپ كىيگەندە بەدەننى تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشقا قىستاپ، تىرەش ئومۇرتقىسى مەركىزى مۇسكۇللىرىنىڭ كۈچىنى كۈچەيتىدۇ؛ بەدەننىڭ تېتىكلىكىنى ساقلاش، يىقىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ياشانغاندىن كېيىنكى سۆڭەك سۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئاددىي ھەرىكەت كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئىگە.
3.كۈنىگە 3 تال ياڭاق ئىستېمال قىلىش
ئامېرىكا Scranton ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ياڭاق ئەڭ ساغلام قاتتىق پوستلۇق مېۋە بولۇپ، چۈنكى ياڭاقتا كۈچلۈك ئۈنۈمگە ئىگە كېسەللىكلەرگە ۋە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تەركىبلەر بار ئىكەن.
4.ئىشەنچلىك 6 دوست
ئاۋسترالىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ يۈز ياشلىقلارغا قارىتىلغان تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىن دوستلۇق ۋە ئىناق ئائىلە قۇرۇش ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتىكى مەخپىي رېتسىپ ئىكەن؛ دوستلار ھېسيات جەھەتتىكى ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، كىشىلەرنىڭ بېسىمغا قارشى تۇرۇشىغا پايدىلىق بولۇپ، كىشىگە مېھىر-مۇھەببەتنى ھېس قىلدۇرۇپ، چوڭ مېڭىنىڭ ئوكسىتوتسىن ۋە دوپامىن ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق چوڭ مېڭىنىڭ ئۆسۈشىگە ۋە قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق ئىكەن.
5.ھەر كۈنى ئاپتاپقا قاقلىنىش
تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەنگىلىيەدىكى %50 كىىشلەردە ۋىتامىن D كەمچىل بولۇپ، ۋىتامىن D نىڭ كەمچىللىكى كۆپلىگەن يوشۇرۇن ھالەتتىكى جاننى ئالىدىغان كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋىپىنى ئاشۇرىۋېتىدىكەن؛ ئەنگىلىيە ئۆسمە تەتقىقات فوندى، ھەر كۈنى چۈشتە، 15-30 مىنۇت ئەتراپىدا ئاپتاپقا قاقلىنىشنى تەۋىسىيە قىلىدۇ، بىرلا ۋاقىتتا، ئاپتاپتىن يارىلاندۇرۇۋېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك، بولمىسا، ساغلاملىق ئۈنۈمى بىكارغا چىقىدۇ.
6.  ھەر كۈنى كەچتە چىش يىپى ئارقىلىق چىشنى تازىلاش
كۆپلىگەن تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، چىش يىلتىزى كېسەللىكلىرى بىلەن باشقا كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋىپى باغلىنىشلىق ئىكەن؛ شۇڭا، چىش كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرى ھەر كۈنى كەچتە چىش يىپى ئارقىلىق چىشنى تازىلاش تەكلىپىنى بېرىدۇ.
7.مېۋە-چېۋىلەرنى توڭلاتقۇدا ساقلىماسلق
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، توڭلاتقۇدا سوغۇق ساقلانغان مېۋىلەرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئۆي تېمپۇراتۇرىسىدا ساقلانغان مېۋىلەرنىڭكىدىن تۆۋەن ئىكەن؛ مەسىلەن: قاچىدا ساقلانغان شوخلا بىلەن قىزىلمۇچتىكى كاروتىن ۋە 20 ھەسسە يۇقىرىلىقتىكى لىكوپېننىڭ مىقدارى توڭلاتقۇدا ساقلانغان ئوخشاش خىلدىكى كۆكتاتلارنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن؛ بۇ ئىككى خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى تەركىبلەرنى كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلغاندا، يۈرەك سالامەتلىكىگە پايدىلىق بولۇپ، بىر قىىسم راك كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.
8.يۇيۇنغاندا ناخشا ئېيتىش
ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، دائىم ناخشاش ئېيتىشنىڭ ئۈنۈمى ۋىتامىن ئىستېمال قىلغاندىكىدىنمۇ چوڭ بولىدىكەن؛ يۇيۇنغاندا ناخشا ئېيتقاندا، بېسىمنى يېنىكلىتىپ، يۈرەك سالامەتلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.
9.كۈندە ئاز بولغاندىمۇ 20 قېتىم كۈلۈش
قۇرامىغا يەتكەنلەر كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5~15 قېتىمغىچە كۈلىدىكەن، بىراق بالىلارنىڭ كۈلۈش قېتىم سانى 100 قېتىمغا يېتىدىكەن؛ كۈلكە ئاۋازى ئىممۇنېنت سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، بېسىم ھورمونلىرىنىڭ قويۇڭپ بېرىلىشىنى كېمەيتىپ، شۇ ئارقىلىق راكقا قارشى تۇرۇش رولىنى ئوينايدىكەن.
10.  تاماكا تاشلاش
تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، تاماكا كىشىنىڭ ئۆمرىنى 10 يىل قىسقارتىپلا قالماي يەنە، ياشانغاندىكى تۇرمۇش سۈپتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىكەن؛ چۈنكى، تاماكا چەككۈچىلەر ناھايتىى ئاسانلا بەدەننى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدىغان كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدىكەن.

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز