داۋن لوججىس 2016-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدۇ
داۋن لوججىس تاشلىۋېتىلگەن ۋە ماكانسىز قالغاندىمۇ يەنىلا پۈتۈن A نەتىجىسىنى ئىزچىل ساقلاپ قالغان. نامراتلىق ۋە ئۆي – ماكانسىزلىق قىيىنچىلىقىنى يەڭگەن لوججىس تولۇق مۇكاپات بىلەن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرگەن. لوججىس ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ئاتا - ئانىسى ئۇنى تاشلىۋەتكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ باشپاناھسىز شۇنداقلا ئىلاجسىز قالغانلىقىنى بايقىغان. مەھەللىسىدىكى كىشىلەر ئۇنىڭ ئەتراپىغا يىغىلىپ، ئۇنىڭغا يېمەك – ئىچمەك ئەكىلىپ بەرگەن شۇنداقلا ئۇنى ماكانلاشتۇرۇپ قويغان ۋە قوللىغان.
بۇ ۋاقىتتا، ئۇ زېھنىنى ئۆگىنىش ۋە پائالىيەتكە قاراتقان؛ ئۇ ئۆزى ئوقۇۋاتقان مەكتەپنىڭ مۇزىكا ئەترىتىگە قاتناشقان، فوتوگرافلىق كۇلۇبىغا، دۆلەت ھالقىغان كوللېكتىپ شۇنداقلا دۆلەت پەخرىي تەشكىلاتىغا قاتناشقان. پۇل تېپىش ئۈچۈن ئۇ يەنە بۇرنىستا پول سۈرتكەن، تازىلىق ئىشچىسى بولغان. بىراق بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنىڭ ئۆگىنىشىگە تەسىر يەتكۈزەلمىگەن، ئۇ A نەتىجىسىنى يەنىلا ئىزچىل تۈردە ساقلاپ كەلگەن. بۈگۈنگى كۈندە خارۋاردنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان لوججىس ئۆزىنىڭ پايدىنى مەقسەت قىلمىغان تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، شارائىتى ياخشى بولمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجە قازىنىشىغا ياردەم بەرمەكتە.
ئادەم كېرن بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدۇ ئادام كېرن بوستوندىكى بىر تۈرمىدە مەھبۇسلار پەلسەپىسى دەرسى ئۆتكەن
كېرن سۇففىك ناھىيەسى ئەخلاق تۈزىتىش ئورنىدا ئۇستاز بولغان. ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ 1- يىللىقىغا كىرىشتىن بۇرۇن مەھبۇسلارنىڭ ھەققانىيەت توغرىلىق ۋە خاتالىق ئۈستىدە سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان. كېرن ئىجتىمائىي قىممەت پەلسەپىسىدىن شۈبھىلەنمىگەن، ئۇ مەھبۇسلارغا ئۇلار ئۆزلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىش ئۈستىدە ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. كېرننىڭ نىشانى كىشىلەرنىڭ تەپەككۇر ئارقىلىق ئۆز ئارا ئالاقىلىشىشىغا ياردىمى بولىدىغان بىر خىل ئۇسۇل تېپىپ چىقىش بولۇپ، بۇنداق بولغاندا «كىشىلەر تۈرلۈك ئىدىيەلەرنى تېخىمۇ ئاسان چۈشىنەلەيدىكەن».
مەنبەسى:ئۇزار تورى