تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئاياللار تاتلىق يېمەكلىكنى كۆپ يېمەسلىكى كېرەك

 بەزى ئاياللار تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ھالبۇكى، تاتلىق يېمەكلىك زىيادە ئىستېمال قىلىنسا، سالامەتلىككە زىيان يېتىدۇ، بەزى كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

1. چاچقا بالدۇر ئاق كىرىدۇ. 50 ياش ئۆپچۆرىسىدىكى ئاياللار تاتلىق يېمەكلىكنى كۆپ يېگەندە، ھۈجەيرىلەرنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىپ، چاچ ئاقىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قەنت كىسلاتالىق يېمەكلىك بولۇپ، ئۇنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا بەدەن سۇيۇقلۇقىنى نېيترال ياكى ئاجىز كىسلاتالىق ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ھۈجەيرىلەرنى قېرىتىپ، چاچنىڭ بالدۇر ئاقىرىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

 2 . كۆرۈش نېرۋىسى يەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق كېسەلنىڭ سەۋەبى مۇرەككەپ بولىدۇ، ئەمما ۋىتامىن B1 نىڭ كەملىكى ئۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ۋىتامىن B1كۆرۈش نېرۋىسىنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم ماددا. قەنت بەدەندىكى ماددا ئالمىشىش جەريانىدا كۆپلەپ ۋىتامىن B1 نى سەرپ قىلىدۇ. شۇڭا تاتلىق يىمەكلىكنى ئۇزاق ۋاقىت كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، كۆرۈش نېرۋىسىنىڭ ‹‹ ئوزۇقلۇق كەملىك ›› كە سەۋەب بولۇپ، كۆرۈش نېرۋىسى يەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 3 . سۆڭەك شالاڭلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قەنت بەدەندىكى ماددا ئالمىشىش جەريانىدا نۇرغۇن ئارىلىق مەھسۇلاتنى پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن: پايرۇۋىك كىسلاتاسى، سۈت كىسلاتاسى قاتارلىقلار. بۇنداق ماددىلار بەدەننى كىسلاتالىق ھالەتكە كەلتۈرۈپ، بەدەندىكى ئىشقارلىق ماددىلار(كالتسىي، ماگنىي)نى خورىتىدۇ، بۇ كالتسىي كەملىكتىن بولىدىغان سۆڭەك شالاڭلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 4 . ئۆتتە تاش پەيدا قىلىدۇ. 50 ياشتىن ئاشقان ئاياللار تاتلىق يېمەكلىكنى كۆپ ئىستېمال قىلسا ئۆتتە تاش پەيدا بولۇش ئېھتىمالىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. چۈنكى، زىيادە ئىستېمال قىلىنغان قەنت ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىلىشىنى كۆپەيتىپ، ئۆت سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى خولېستېرىن، ئۆت كىسلاتاسى ۋە لېتسىتېننىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئېشىنچا قەنت ئۆزلۈكىدىن ياغقا ئايلىنىپ، سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەم سېمىز بولسىلا ئۆتتە چوقۇم تاش شەكىللىنىشى ناتايىن، ئەمما ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئاياللاردا سېمىزلىك ئۆتتە تاش پەيدا بولۇشقا سەۋەب بولىدۇ.

تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىش بىۋاسىتە قەنت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارمىسىمۇ، ئەمما ئۇنى ئۇزاق مۇددەت زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىش ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىلىشىنى كۆپەيتىپ، قەنت ۋە ياغنىڭ ماددا ئالمىشىش جەريانىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئىچكى تەڭپۇڭلۇقنى بۇزىدۇ. نەتىجىدە، ھەر خىل ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەر (مەسىلەن: يۈرەك، مېڭە قان تومۇرى كېسىلى، قەنت كېسىلى، سېمىزلىك، كۆزگە ئاق چۈشۈش) نى پەيدا قىلىدۇ.

تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى:

http://uy.ts.cn/life/content/2016-03/04/content_505557.htm



ئەسلى مەنبەسى: uy.ts.cn
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز