تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
شىياۋمى قۇرۇلمىسىنىڭ كودىنى كۆچۈرگەن دىگەن يامان ئاتاققا قالدى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى:
شىياۋمى ئاللىقاچان دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ يانفون كارخانىسىغا ئايلانغان بولسىمۇ، بىراق، يېقىندىن بۇيان ئۇنىڭ كۈنلىرى تازا ياخشى ئۆتمەيۋاتاتتى. ئالدى بىلەن چەتئەلدىكى تاراتقۇلار شىياۋمى ئېلان قىلغان MIUI 6 نى « iOS نىڭ ئەڭ نۇمۇسسىز دورىغۇچىسى» دەپ ئاتىدى، يىقىندا ئېلان قىلىنغان يەنە بىر پارچە خەۋەردە دىيىلىشىچە، MIUI نىڭ Xposed قۇرۇلمىسى باشقا بىر پىروگراممىرنىڭ ئەسىرىدىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپتورى ئەسكەرتىلمىگەن.
Xposed قۇرۇلمىسىنى ئوتتۇرىغا چىقارغۇچىنىڭ ئىسمى rovo89 بولۇپ، ئۇنىڭ دىيىشىچە شىياۋمى MIUI سىستېمىسى ئۇنىڭ ئەسىرىنى ئۆزگەرتىپ ئىشلەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ شىياۋمىغا بۇ مەزمۇنلارغا ئاپتورنىڭ ئىسمىنى قوشۇپ قويۇشنى ئەسكەرتىپ قويغان. شىياۋمى شىركىتى بۇ پىروگراممىردىن كەچۈرۈم سوراپ، ئۇلار ئىشلەتكەن كودلارنىڭ تەڭشەش كودى ئىكەنلىكىنى، ئاشكارا ئېلان قىلىنىدىغان نەشىردىكى سىستېمىغا ئىشلىتىش نېيىتى يوق ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ناھايىتى تېزلا ئۆچۈرۋىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان، بىراق، بىر يېرىم ئايدىن كىيىن، بەزىلەر Dexspy نىڭ يەنىلا MIUI سىستېمىسىدا بارلىقىنى بايقىغان.
rovo89 نىڭ بايقىشىچە، MIUI ئىچىدىكى Xposed قۇرۇلمىسىغا ھىچقانداق ئارتۇق كود ياكى ئىقتىدار قوشۇلمىغان، شىياۋمى پەقەت ئۇنىڭ كىلىش مەنبەسىگە ئالاقىدار قىسمەن كودلىرىنى ئۆچۈرۋەتكەن، ھەمدە بارلىق مەزمۇنغا قارىتا «قايتىدىن ئىسىم قويۇش» ئېلىپ بارغان، شۇنداقلا «Xposed» دىگەن ھالقىلىق سۆزنى چىقىرىۋەتكەن. دىمەك، شىياۋمى شىركىتى بۇ كودلارنىڭ كىلىش مەنبەسىنى ئىزاھلاشنى ئۇنتۇپ قالغان بولماستىن، بەلكى قەستەن ئۇنىڭغا «ساختا نىقاپ» كەيدۈرۈپ قويغان.
ئىگەللىنىشىچە، بۇ ئىشنىڭ يۈز بەرگىنىگە نەچچە ئاي بولغان بولۇپ، شىياۋمى ھىلىھەم ئۆزى ئۆزگەرتكەن Xposed قۇرۇلمىسىنىڭ كودى ئىچىگە rovo89 ئىسىملىك ئەسلى ئاپتورنىڭ ئىسمىنى قوشۇپ قويمىغان.
تۈنۈگۈن يەنە بىر ئابونت شىياۋمى شىركىتىنىڭ نەشىر نۇسخىسى 4.5.9 بولغان Mi 3w MIUI ROM نىڭ ئىچىدىكى بارلىق Xposed قۇرۇلمىسىنى يۆتكىۋەتكەنلىك ئىزىنى بايقاپ قالغان، ئۇنىڭ دىيىشىچە، شىياۋمى يەنە سىستېمىنىڭ Github قىسمىغا قارىتا يېڭىلاش ئېلىپ بارغان ۋە Xposed قۇرۇلمىسىنى تەمىنلىگۈچىنىڭ ئىسمىنى قوشۇپ قويغان.

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز