ئەر– ئاياللارنىڭ جىنسىي پەللىگە يېتىشىدە چوڭ پەرق بولىدۇ
قانائەتلىنەرلىك جىنسىي پەللىگە يېتىش جىنسىي تۇرمۇشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشى ۋە ئائىلە ئىناقلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل. گەرچە نۇرغۇن كىشىلەر جىنسىي پەللىگە يېتىشتىن كەلگەن ھۇزۇردىن بەھىر ئېلىپ باققان بولسىمۇ، لېكىن «جىنسىي پەللە» دىگەن بۇ ئۇقۇمغا نىسبەتەن تونۇشى يوق دىيەرلىك بولۇشى مۇمكىن. تىبابەت ئىلمىدە، جىنسىي پەللە دىگىنىمىز جىنسىي غىدىقتىن كېيىن تەن ۋە روھنىڭ جىنسىي لەززەتكە بولغان ئىنكاسىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە مەنى چىقىش، يۈزى قىزىرىش، مۇسكۇللار تارتىشىش قاتارلىق فىزىئولوگىيىلىك ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. ئەر–ئايال ئىككىلا تەرەپتە جىنسىي پەللىگە يېتىش يۈز بېرىدۇ، لېكىن پەللىگە يېتىش ئالامەتلىرىدە بىر قىسىم ئوخشاشلىقلار بولسىمۇ، يەنىلا بىر قىسىم كۆرۈنەرلىك پەرقلەر بولىدۇ.
ئەرلەر بىر قېتىملىق جىنسىي مۇناسىۋەتتە پەقەت بىرلا قېتىم پەللىگە يېتەلەيدۇ، كۆپ قىسم ۋاقىتلاردا مەنى چىقىش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. مەنى چىقىش ۋاقتى ئىنتايىن قىسقا بولۇپ، ئادەتتە 3 سىكونتتىن 10 سىكونت ئىچىدە تاماملىنىدۇ، شۇڭا مەنىنىڭ چىقىپ بولۇشى ئەرلەرنىڭ جىنسىي پەللىسىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئوخشىمىغان ئەرلەرنىڭ جىنسىي پەللىگە يېتىش ئالامەتلىرىدىمۇ بەلگىلىك پەرق بولىدۇ.
گەرچە ئەرلەرنىڭ جىنسىي پەللىسى مەنى چىقىش بىلەن بىللە كەلسىمۇ، لېكىن بۇ لەززەتنىڭ مەنى سۈيۇقلىقىدىن كەلگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. نۇرغۇن ياشانغان ئەرلەردە مەنى مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئازلايدۇ، ياكى پەقەتلا مەنى چىقمايدۇ، لېكىن ئۇلار ئوخشاشلا جىنسىي پەللىنى ھېس قىلالايدۇ. ئاز بىر قىسىم ئەرلەر جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا مەنى ناھايىتى تەستە چىقىدۇ، ياكى مەنى چىققان تەقدىردىمۇ لەززەت ھېس قىلالمايدۇ، بۇ خىل ئەھۋالدا بەلكىم ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش زۆرۈر بولۇشى مۇمكىن .
بىر قېتىملىق جىنسىي مۇناسىۋەتتە، ئاياللار بەلكىم بىر نەچچە قېتىم جىنسىي پەللىگە يېتەلىشى مۇمكىن. ئاياللار جىنسىي پەللىگە يەتكەندىن كېيىن ئەرلەرگە ئوخشاش تېزلا چېكىنىش ھالىتىگە كىرمەيدۇ، كۆپ ھاللاردا خېلى ۋاقىتقىچە داۋاملىشىدۇ، شۇ سەۋەبتىن، مەنى چىقىرىپ بولغاندىن كېيىنمۇ، ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئۆزلىرىگە بولغان يېقىنچىلىق ھەركەتلىرىنى توختاتماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدۇ.