تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
بىلىپ قويوڭ ئەرلەر،ئاياللار بىزدىنمۇ ئەقىللىق

 بىلىپ قويوڭ ئەرلەر،ئاياللار بىزدىنمۇ ئەقىللىق

 

 

    بىر ئايال گولىف توپ ئويناۋاتاتتى . ئۇ توپ پالىقىنى شۇنداق بىر شىلتىۋىدى ، توپ ھاۋادا ياي شەكلىدە ئۇچۇپ چاتقاللار ئارىسىغا چۈشتى . ئۇ دەرھال شۇ تەرەپكە يۈگۈردى .ئۇ چاتقاللارنى قايرىپ بىر پاقىنىڭ توپنى چىشلەپ تۇرغانلىقىنى كۆردى . ئۇ پاقىنى ئۆلتۈرۈپ توپنى ئالماقچى بولۇپ پالاقنى كۆتۈرىشىگە پاقا توپنى چىقىرىۋىتىپ گەپ قىلغىلى تۇردى :
‹‹مىنى ئۆلتۈرىۋەتمە ، مەن ئادەتتىكى پاقا ئەمەس ، سىھىر ئىشلىتەلەيمەن . ئەگەر مىنى
قويىۋەتسەڭ ئۈچ ئارزۇيىڭنى قاندۇرىمەن .››
ئايال پاقىنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولدى
- سەن ئارزۇيىڭنى ئەيتىشتىن بۇرۇن ساڭا شۇنى ئەيتىپ قوياي – دىدى پاقا – ھەر بىر
ئارزۇيىڭنى ئەيىتقاندا ئىرىڭمۇ ئارزۇيىڭدىن تەڭ بەھرىمان بولىدۇ ، بىراق ئۇنىڭ ئىرىشكىنى سىنىڭكىدىن ئون ھەسسە كۆپ بولىدۇ .
ئايال پاقىنىڭ گىپىنى ئاڭلاپلا ھاياجانغانلىقىدىن ئالدىراپ قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ، ھەمدە كۆڭلىدە سان بولغاچقا ، گۈزەللىكتە تەڭدىشى يوق ئايال بولۇشنى ئويلايمەن دىدى .
پاقا دەرھال ئۇنىڭ گىپىنى بۆلدى :
- ئىسىڭدە بولسۇن ئىرىڭمۇ ئەڭ كىلىشكەن ئەر بولۇپ قالىدۇ ، ھەتتا ئەپسانىلەردىكى جەزىبىدار يىگىتمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا ئاجىزلىق قىلىپ قالىدۇ . بۇنداق ئەرلەرنىڭ پىيىغا چۈشىدىغان ئاياللارنىڭ ئايىغى بىسىقمايدۇ .
- بۇنىڭ ئەنسىرگۈدەك نىمىسى بار – دىدى ئايال مەن تەڭداشسىز ساھىپ جامالغا ئايلانسام ، ئەجىبا ئۇنىڭ كۆزى مەندە بولماي باشقىلارغا چۈشەمدىكەن !
ئۇ شۇئان تەڭداشسىز ساھىپ جامالغا ئايلاندى .
- ئىككىنچى ئارزۇيىمغا كەلسەك دىدى ئايال ئۇلاپلا – جاھاندىكى ئەڭ باي ئايال بولماقچىمەن .
- ئىسىڭدە بولسۇن ، ئىرىڭنىڭ بايلىقى سەندىن ئون ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ .
- غەم قىلىش ھاجەتسىز – دىدى ئايال جاۋابەن – مىنىڭ بايلىقىم ئۇنىڭغا مەنسۈپ ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بايلىقىمۇ ماڭا مەنسۈپ – تە .
ئۇ شۇئان جاھاندىكى ئەڭ باي ئايالغا ئايلاندى .
- ئۈچىنچى ئارزۇيىمغا كەلسەك ..... – دىدى ئايال قوشۇمىسىنى تۇرۇپ ئويلانغىنىچە ، ئارقىدىن پىشانىسىگە پاققىدە بىرنى قويدى ، - تاپتىم ، مىنى ئانچە ئىغىر بولمىغان ، بىر ئوپراسيە بىلەنلا ساقىيىپ كىتىدىغان يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىغا گىرىپتار قىلغىن ....
بۇ ھىكايە بىزگە شۇنداق ساۋاق بىرىدۇ : ئاياللار بىز ئويلىغاندىنمۇ ئەقىللىق,

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز