ھازىر بىر قىسىم ئائىلىلەردە ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە پىسخىك جەھەتلەردە نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلمەي، بالىلاردا ئېغىر روھىي كەمتۈكلۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. بالىلارغا زىيانلىق بۇنداق ئائىلە مۇھىتى تۆۋەندىكى جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ:
1. قاتتىق باشقۇرۇش تىپىدىكى ئائىلە مۇھىتى: بۇنداق ئائىلىدە خۇشاللىق كەيپىياتى ئاز، بالىلارغا بولغان چەكلىمە كۆپ. بۇنداق ئائىلىلەردە تەربىيەلەنگەن بالىلاردا ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئالغا ئىنتىلىش روھى كەمچىل بولىدۇ.
2. تەنقىدلەش تىپىدىكى ئائىلە مۇھىتى: بۇنداق ئائىلىدە ئائىلە ئەزالىرى دائىم بىر – بىرىنى تەنقىدلەيدۇ ۋە بىر – بىرىنى ئورۇنسىز ئەيىبلەيدۇ.
3. بىزارلىق تىپىدىكى ئائىلە مۇھىتى: بۇنداق ئائىلىلەردە ئاتا – ئانىلار ھەمىشە ئۇرۇش – جېدەل قىلىدۇ، ئۇلار پەقەت ‹‹بالىغا ياخشى بولسۇن›› دەپلا بىللە تۇرىدۇ. بالىنىڭ جىمغۇر، چۈشكۈن، نورمالسىز يېتىلىپ قېلىشىغا مۇشۇنداق ئائىلە مۇھىتى سەۋەب بولىدۇ.
4. شەخسىيەتچىلىك تىپىدىكى ئائىلە مۇھىتى: بۇنداق ئائىلىلەردە ئاتا – ئانىلار كۆپ ھاللاردا ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا، بولۇپمۇ بالىلاردا ھېسداشلىق، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، كۆيۈم، ۋاپا كەمچىل بولىدۇ.
5. دائىم خاپىغانلىق، چېچىلغاقلىق ھۆكۈم سۈرۈش تىپىدىكى ئائىلە مۇھىتى: بۇنداق ئائىلىلەردە ئائىلە ئەزالىرى دائىم باشقىلاردىن ئاغرىنىدۇ، ئالغا ئىنتىلمەيدۇ، مەسئۇلىيەت ئېڭى تۆۋەن بولىدۇ. بۇنداق ئائىلە كەيپىياتى بالىلار پىسخىكىسىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.
6. زىيادە ئەنسىزلىك تىپىدىكى ئائىلە مۇھىتى: بۇنداق ئائىلىدە چوڭلار بالىلاردىن ئەنسىرەپ، ھەممىگە چات كېرىۋالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بالىلاردا مۇستەقىللىق ۋە ئىشەنچ تۇيغۇسى يوقىلىپ، ھەمىشە روھىي بېسىم ئىچىدە ۋە چۈشكۈن ھالەتتە يۈرىدۇ.
بالىلاردا ساغلام پىسخىك ھالەتنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئاتا – ئانىلار يۇقىرىقىدەك ئائىلە مۇھىتى پەيدا بولۇشىنىڭ تىرىشىپ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
(ماتېرىيالدىن)
تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
http://uy.ts.cn/life/content/2016-03/02/content_504405.htm