بەزى ئۇسۇللار ئارقىلىق كۆزنى چېنىقتۇرغاندا، كۆز تورلىشىش كېسلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش ۋاقتىنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ. بارماق بىلەن باشنى يېنىك ئۇرۇپ بېرىش، داۋاملىق باشنى تاتىلاش ياكى باش تېرىسىنى ئۇۋۇلاش باشتا قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مېڭىنى سەگەكلەشتۈرىدۇ ۋە كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ. بوش ۋاقىت بولسىلا كۆزنى يۇمۇپ-ئېچىپ كۆز مۇسكۇللىرىنى غىدىقلاش، ئاستى-ئۈستى ۋە ئوڭغا-سولغا قاراش ئارقىلىق، كۆز قارىچۇقىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش كۆز مۇسكۇلىدا قاننىڭ ئايلىنىشىنى ياخشىلايدۇ. ھەركۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە بىر قېتىم يىراقتىكى يېشىل ئۆسۈملۈكلەرگە قاراش، بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، دىققىتىنى ئاستا-ئاستا يىراقتىن يېقىنغا يۆتكەش كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ياخشىلاپ، كۆز مۇسكۇللىرىنى ئارام ئالدۇرىدۇ. ھەركۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن لۆڭگىنى ئىلىمان سۇغا چىلاپ كۆزنى سۈرتۈش، بەش مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن سوغۇق سۇغا چىلاپ سۈرتۈش، ئاخىرىدا يەنە ئىسسىق سۇغا چىلاپ سۈرتۈش كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ. سوغۇق سۇ قان تومۇرلارنىڭ تارىيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كۆزنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلايدۇ. ئىسسىق سۇ قان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولۇپ، كۆزگە كېلىدىغان قان مىقدارىنى كۆپەيتىدۇ. نەتىجىدە كۆز چارچاش ۋە يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە خاتىمە بېرىلىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتى ياخشىلىنىدۇ.