ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
بالىلار پىسخولوگىيە ئالىملىرىنىڭ تەتقىق قىلىپ بايقىشىغا ئاساسەن، بالىلارنىڭ تۇرمۇشتا زېرىكىپ ئىچى تىتىلدايدىغان ئىشلار تۆۋەندىكىچە ئىكەن:
ئىززەت-ئابرويىنىڭ زەربىگە ئۇچرىشى.
نۇرغۇن ئائىلە باشلىقلىرى بالىلىرىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى چۈشەنمەيدۇ، كۆپ ھاللاردا ئازراق سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويسا «ئەخمەق، كالۋا، دۆت» دەپ ئەيىبلەيدۇ، بۇ بالىلارغا نىسبەتەن ئەڭ چوڭ ھاقارەت.
يالغۇزلۇقتىن ئىچى پۇشۇپ، ئاۋات كىشىلەر توپىنى ياخشى كۆرىدۇ، يالغۇزلۇقتىن ئالاھىدە قورقىدۇ.
ئاتا-ئانىسىنىڭ جېدەللىشىپ قېلىشى ياكى ئاجرىشىپ كېتىشى.
بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ جېدەللىشىپ قېلىشىدىن قورقىدۇ. ئاتا-ئانىسىنىڭ ئاجرىشىپ كېتىش توغرىسىدىكى سۆزلەر بالىلارنى تېخىمۇ ۋەھىمە ئىچىدە قالدۇرىدۇ. ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغاندا يىغلاشقا رۇخسەت قىلماسلىق. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ئەيىبلىگەن ۋاقىتتا مەيلى توغرا ياكى خاتا بولسۇن، بالىلارنىڭ يىغلىشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ، بۇ دېگەندەك ياخشى ئىش ئەمەس. بالىلار ئەيىبلەشكە ئۇچرىغاندا، بولۇپمۇ ناھەق ئەيىبلەشكە ئۇچرىغاندا يىغا بىلەنلا يۈرىكىدىكى «ئاداۋەت»نى چىقىرۋەتمەكچى بولىدۇ. بۇنىڭغىمۇ يول قويماسلىق سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ.