مىرئەھمەد مامۇت
مىرئەھمەدنى ئادەم دېگەن كىم ،
ئادەملىكى يانغان كېچىدە .
ھاياتىنى قىلغان تەسەددۇق ،
ئەرلىكىگە،مۇڭلۇق كۈيىدە .
مىرئەھمەدنى ئاشىق دېگەن كىم ،
مۇھەببەتنىڭ ئىتىزلقىدا .
ئاشىقلىقى يانار نور بولۇپ ،
ھەر دەقىقە غىرىپلىقىدا .
مىرئەھمەدنى ئەبلەخ دېگەن كىم ،
ھۇجۇم قىلىپ ئىنسانلىقىغا .
غۇرۇرىدابار مىڭ ھېكايە ،
سىڭگەن ئۇنىڭ ھەر مىسراسىغا .
مىرئەھمەدنى سۆيگۈ دېگەن كىم ،
چىچەكلىگەن گۈللەر بەرگىدە .
ئەقىدىنىڭ باياۋانىدا ،
سۆزلەپ كېلەر تۈمەنمىڭ قىسسە .
مىرئەھمەدنى شائىر دېگەن كىم ،
مىسرالارنىڭ بوستانلىقىدا .
ئاشىقلىقى يېزىلغان تامام ،
ئۇنىڭ ھەر بىر شېئىرلىرىدا .
2013-يىلى 23-نويابىر
(خوتەن)