تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
مەخمۇت تەيمۇر: ھەق تۆلەش (ھېكايە)

ھەق تۆلەش

مەخمۇت تەيمۇر (مىسىر)

نەشرگە تەييارلىغۇچى: تۇردى سامساق

ئۇم لەبىبە ئىقبال خېنىمنىڭ ئالدىغا كىرىپ ھارۋىكەشنىڭ ھەق تەلەپ قىلىپ  كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. خېنىم قوشۇمىسىنى تۈردى - دە، ئۇم لەبىبەگە: «ھارۋىكەش چۈشتىن كېيىن كەلسۇن، چىقىپ ئېيتىپ قويغىن» دېدى. خىزمەتچى ئايال چىقىپ كەتتى. لېكىن ئۇم لەبىبە خېنىمنىڭ  جاۋابىنى ئېيتىپ ئۈلگۈرمەستىنلا ھارۋىكەش ئاغزىنى بۇزدى. ئارقىدىنلا، نېمىشقا ھەققىمنى بەرمەيدىكەن، دەپ ۋارقىراپلا كەتتى.

ئاخىر ھارۋىكەش ئىلاجىسىز ئارقىغا ياندى، چۈشتىن كېيىن ھەققىنى تولۇق ئېلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ھارۋىسىنى ھەيدىگىنىچە دەڭگە يېنىپ كەلدى.

ئۇستا شىخاتا ئىقبال خېنىمنى بىر نەچچە قېتىم ھارۋىسىغا ئولتۇرغۇزۇپ يىراق جايلارغا سەيلە قىلدۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن شۇ كەمگىچە بىرەر تىيىن ھەق ئالمىغانىدى. ئۇ ھەر قېتىم ھەققىنى ئېلىش ئۈچۈن  كەلگەندە، ئىقبال خېنىم ئۇنىڭغا بىر ئاز كۈتۈپ تۇرۇشنى ئېيتاتتى. بىچارە ھارۋىكەشنىڭ ئائىلىسىدە جان سانى كۆپ بولۇپ، پۇلغا تولىمۇ مۇھتاج ئىدى.

ئۇستا شىخاتا قىرىق ياشلاردىكى ئادەم بولۇپ، بېشىدىن ئېغىر كۈنلەرنى ئۆتكۈزگىنىگە قارىماي، ناھايىتى خۇش - خۇي ئىدى. دائىم ھارۋا شوتىسىغا ئولتۇرۇۋېلىپ مۇھەببەت ناخشىلىرىنى ئېيتاتتى. ئەگەر ئۇنىڭ يېنىدىن بىرەر چىرايلىق قىز ئۆتۈپ قالسا،  ئۇ جۇۋازچىنىڭ قاپىقىدەك ياغلىشىپ كەتكەن كونا تەلپىكىنى پېشانىسىگە ئىتتىرىپ قويۇپ، يىرتىق بەتىنكىسىدىن چىقىپ تۇرغان بارماقلىرىنى لىڭشىتىپ جان دىلى بىلەن ئۇلارغا يېقىملىق سۆزلەرنى ئېيتاتتى، لېكىن قىز يېنىدىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن قاتتىق قايغۇرۇپ «ئۇھ» تارتىپ قوياتتى - دە، ئورۇق ئاتلىرىنى تىللاپ قامچىلاپ كېتەتتى.

ھارۋىكەشنىڭ ھەق ئالغىلى كەلگىنىگە قىلچە پەرۋا قىلمىغان ئىقبال خېنىم ئەينەكنىڭ ئالدىغا كەلدى - دە، يۈزىدىكى قورۇقلارنى يوشۇرۇش نىيىتىدە ئۆزىنى پەردازلاشقا باشلىدى. خېلى ۋاقىتتىن بېرى بويالمىغان قىزىل چېچىنىڭ تۈۋى ئاۋۋالقى رەڭگىگە قايتىپ تولىمۇ سەت كۆرۈنەتتى. خېنىم ئۆزىنى پەردازلاپ بولغاندىن كېيىن كارىۋىتىغا بېرىپ ياتتى - دە، ئۇھ تارتقىنىچە رەسىملىك ئالبۇمنى پەرۋاسىزلىق بىلەن ۋاراقلاشقا باشلىدى.

ئىقبال خېنىم مۆتىۋەر ئائىلىدىن كېلىپ چىققان قىز بولۇپ، ياش چېغىدا كەمتەرلىك، پاكىزلىق ۋە گۈزەللىكنىڭ نەمۇنىسى ئىدى. ئەپسۇس، تەقدىر ئۇنى قىمارۋاز ۋە ھاراقكەش ئەرگە مۇپتىلا قىلدى. بۇ ئەر ئۇنىڭ ھاياتى ۋە قەلبىنى خاراب قىلدى. ئېرى ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇ يامان يولدىن ئۆزىنى تارتماي، كۈندىن - كۈنگە بەختسىزلىك ھەم كۈلپەت ئىچىدە قېلىپ، ئۆزى يالغۇز كۈن  كەچۈرۈشكە باشلىدى.

چۈشتىن كېيىن ھارۋىكەش كېلىپ، يەنە ھەققىنى تەلەپ قىلىپ ۋارقىراشقا باشلىدى. لېكىن ئۇنىڭغا ھېچكىم جاۋاب قايتۇرمىدى، ئاچچىقى كەلگەن ئۇستا شىخاتا ھارۋىسىنى بالىلاردىن بىرىگە قارىتىپ قويۇپ، ئىشىكنى قاتتىق ئۇرۇشقا باشلىدى. ئىشىك ئىلىنمىگەنىدى.

بۇ چاغدا، چىرايلىق ئىشلەنگەن روباشكا كىيگەن. چاچلىرى چۇۋۇلغان ئىقبال خېنىم ھارۋىكەشنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋزىنى ئاڭلاپ، كارىۋاتتا كۈلۈمسىرەپ ياتاتتى.

ئۇنىڭ ئالدىغا ئۇم لەبىبە كىردى. ئىقبال ئۇنىڭ ئاغزىنىمۇ ئاچقۇزمىدى.

ـ ساڭا نېمە كېرەك؟ - دېدى ئاچچىقلىنىپ ئىقبال، - مەندە پۇل يوق! ئۇنى كەتكۈزىۋەتكىن، كېيىن كەلسۇن.

لېكىن بۇ چاغدا زالغا كىرىپ بولغان ھارۋىكەش  ھەققىنى سۈيلەپ ۋارقىراۋاتاتتى.

ئۇم لەبىبە ھارۋىكەشنىڭ قوپاللىقىدىن خاپا بولغان ھالدا يۈگۈرۈپ ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى. ئۇ ھارۋىكەشنى ھەيدەپ چىقىرىۋەتمەكچى بولدى، لېكىن ئۇلار بىر - بىرىنى تىللىشىپ كەتتى. بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ يېنىدا ئىقبال ئىېنىم پەيدا بولدى. ئۇنىڭ چىرايلىق روباشكىسىدىن بەدىنى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئىقبال خاتىرجەملىك بىلەن؛

ـ نېمە بولدى، ئۇم لەبىبە؟ نېمىشقا ۋاراڭ - چۇرۇڭ قىلىشىسىلەرـ دەپ سورىدى.

ـ مەن پۇلۇمنى ئالماقچىمەن! سىلەر ئۇنى يەپ كېتەلمەيسىلەر! - دېدى ھارۋىكەش.

ئىقبال كۈلۈپ قويدى ۋە:

ـ بۇ نېمە دېگىنىڭئ سەن بىزنى پۇلۇڭنى يەپ كېتىدۇ دەمسىنا؟ بۇنداق قىلىش بىزنىڭ خىيالىمىزدىمۇ يوق! - دېدى.

ئىقبال ھۇججىرىسىغا كىرىپ سومكىسىدىن پۇلنى ئېلىپ ئۇستا شىخاتاغا پۇلنى بەردى. ئۇستا شىخاتا پۇلنى ئېلىپ ناھايىتى خۇشال بولغان ھالدا ئىقبالنىڭ ھويلىسىدىن چىقىپ ھارۋىسىنى ھايدىغان پېتى خۇشال خۇتۇن-بالىلىرىنىڭ يېنىغا قايتتى.

بۇ ھېكايە «ئەرەپ پروزىسى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز