تاللانغان رازۋېتكا ھېكايىلىرى (46)
بۇلاڭچى
ئەمدىلا ساقچى مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن داۋېي بەكل ئازارلىق ھېس قىلدى، چۈنكى ئۇ چارلاش ساقچىلىقنى ياخشى كۆرمەيتتى، ئۇنىڭ ھەقىقىي يوسۇندا جىنايەتچىلەر بىلەن ئېلىشىدىغان جىنايى ئىشلار ساقچىسى بولغۇسى بار ئىدى.
مۇشۇنداق ئويلاپ ئولتۇرغاندا يىراقتىن بىرسىنىڭ «ئادەم بارمۇ؟ ئوغرىنى تۇتۇڭلار!» دەپ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى، داۋېي ئاڭلاپ نەق مەيدانغا ئوقتەك يۈگۈرۈپ بېرىپ بىرەر يۈز مېتىر قوغلىغاندىن كېيىن، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن قاچقان ھېلىقى ئەبلەخنى تۇتۇۋالدى.
ھېلىقى ئادەمنىڭ قول سائىتىنى ئۇ بۇلاپ قاچقانىدى، لېكىن تۇتۇلغان بۇلاڭچى سائەتنى ئۆزۈمنىڭ دەپ تۇرۇۋالدى، ھەتتا سائەتنىڭ ئارقىسىدىكى نومۇردىن تارتىپ يادلاپ بەردى، بۇ ئىش داۋېينى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.
غۇلغۇلا ئۈستىگە يېتىپ كەلگەن رازۋېدچىكلار باشلىقى ئىككىسىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئاددىي بىر ھەرىكەت بىلەنلا ئىككىسىنىڭ بىرىنىڭ يول توسۇپ بۇلاڭچىلىق قىلغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىدى.
رازۋېدچىكلار باشلىقى نېمىگە ئاساسەن ھۆكۈم قىلىدى؟
رازۋېدكا ھېكايىلىرى (45) نىڭ جاۋابى:
جەسەتنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئۇ ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالغانغا ئوخشاپ تۇرسىمۇ، لېكىن رازۋېدچىكلار باشلىقى تەپسىلىي كۆزەتكەندىن كېيىن جەسەت يۈزىدىكى ئاپتاپ ئەينىكىنى بايقىغان. ئەگەر ئۇ ئادەم ئۆزىنى تاشلىغان بولسا كۆزەينەك ساپساق ھالەتتە تۇرمايتتى، قىيا ئۈستىگە تاشلاپ قويۇلغان ئاياغمۇ جىنايەتچىنىڭ باشقىلارنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن ئويلاپ تاپقان ھىيلىسى ئىدى.