تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
تۇخۇم يېگەندىن كېيىن دەرھال يېسە بولمايدىغان ئالتە خىل يېمەكلىك

تۇخۇم بولسا ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى، ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولىدىغان تەركىبلەر كۆپ، بىراق جۇڭگو تىبابىتىدە ھەرقانداق نەرسە بىرىنى بىرى تۇغدۇرىدۇ ۋە بىرىنى بىرى قەتل قىلىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. تۇخۇممۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن تۇخۇم يېگەندىن كېيىن دەرھال تۆۋەندىكى ئالتە خىل ئىشنى قىلماسلىق كېرەك.

  1. دەرھال كەمپۈت يېمەسلىك.

تۇخۇمنى تاتلىق يېمەكلىك بىلەن بىللە پۇشۇرۇشقا ياكى تۇخۇم يەپ بولغاندىن كېيىن تورت دېگەندەك تاتلىق يېمەكلىكنى قوشۇپ يېيىشكە بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ تۇخۇم تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ ئامونىي كىسلاتاسى بىلەن بىرىكىپ مېۋە قەنتى لىسىن كىسلاتاسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل ماددىنى ئادەم بەدىنى ئاسان قوبۇل قىلالمايدۇ، شۇڭا سالامەتلىككە زىيانلىق.

 

 2. دەرھال ئەبنۇس يېمەسلىك.

تۇخۇم يېگەندىن كېيىنلا ئەبنۇس يىگەندە يېنىك دەرىجىدىكى زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كۆپىنچە ئەھۋالدا جىددى خاراكتېرلىك ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغىنى، يەنە ئۆپكىگە تاش چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئىككى خىل يېمەكلىكنى بىللە ئىستىمال قىلغاندا قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، قورساق ئاغرىش قاتارلىق جىددى خاراكتېرلىك ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا بىللە يەپ سالغاندا بىر ئىككى سائەت ئىچىدە قۇستۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ياندۇرۇۋېتىش كېرەك، يەنى 20 گرام ئاش تۇزىنى 200 مىللىلېتىرلىق قايناقسۇغا ئارىلاشتۇرۇپ سوۋۇغاندىن كېيىن ئىچىش، ئەگەر يانمىسا كۆپ قېتىم ئىچىپ ياندۇرۇۋېتىش كېرەك. ياكى يېڭى زەنجىۋىل تالقىنىدىن سۇيۇقلۇق تەييارلاپ ئىللىتىپ ئىچىش كېرەك. ئەگەر ئىستىمال قىلغان ۋاقىت بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، دەرھال ئىچ سۈرۈش دورىسى بىلەن بەدەن ئىچىدىكى زەھەرنى تازىلاش كېرەك.

3. دەرھال پۇرچاق سۈتى ئىچمەسلىك كېرەك.

بەزىلەر پۇرچاق سۈتىگە تۇخۇم قوشۇپ ئىستىمال قىلىشنى ياكى تۇخۇم يەپ بولۇپ پۇرچاق سۈتى ئىچىشنى ئادەت قىلغان. ئەمىلىيەتتە پۇرچاق سۈتى تەركىبىدە ئالاھىدە بىرخىل ماددا تىرىپسىن بار، ئۇ تۇخۇم تەركىبىدىكى ئاقسىل ئۇرۇقى بىلەن بىرلىشىپ ئۇزۇقلۇق قىممىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، نەتىجىدە ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.

4. دەرھال غاز گۆشى ۋە توشقان گۆشى يېمەسلىك.

 توشقان گۆشىنىڭ خۇسۇسىيىتى تاتلىق سوغۇق، تۇخۇمنىڭ خۇسۇسىيىتىمۇ تاتلىق سوغۇق، ھەر ئىككىلىسىنىڭ تەركىبىدىكى ئېلمىنىتلار ئوخشاپ كېتىدۇ، ئوخشاش ئېلمىنىتلار بىرلا ۋاقىتتا تەسىر قىلغاندا، ئاشقازان ئۈچەينىڭ بېسىمى ئارتىپ، ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. دەرھال ياللۇغ قايتۇرۇش دورىلىرىنى يېمەسلىك كېرەك.

تۇخۇمنىڭ ئاقسىل مىقدارى كۆپ، ياللۇغلىنىش كۆرۈلگەندە ئاقسىلنىڭ ئۇچرىشىپ قېلىشىدىن ئالاھىدە ساقلىنىش كېرەك. بولۇپمۇ ياللۇغلىنىش، قورساق ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەنلەر قەتئىي تۇخۇم يېمەسلىكى كېرەك. تۇخۇمنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل كۆپ، ئاشقازاننىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، دورىنىڭ تەسىر قىلىش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

6. دەرھال سوغۇق چاي ئىچمەسلىك كېرەك.

نۇرغۇن كىشى تۇخۇم يەپ بولغاندىن كېيىن سۇغۇق چاي ئىچىپ، ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرىدۇ. بىراق، چاي يوپۇرمىقىدىكى ئاننىك كىسلاتا تۇخۇم تەركىبىدىكى ئاقسىل بىلەن بىرلىشىپ يىغىلىشچانلىق ئاننىك كىسلاتا ئاقسىلى پەيدا قىلىپ، ئۈچەي يولىنىڭ ھەرىكىتىنى ئاستىلىتىپ، قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە زەھەرلىك ماددىلارنىڭ ۋە راك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ماددىلارنىڭ ئادەم تېنىگە قوبۇل قىلىنىشىنى تېزلىتىپ، سالامەتلىككە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ.




ئەسلى مەنبەسى: jingyan.baidu.com
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز