بېتا تورى خەۋىرى، : بۇ يىل 6-ئايدا دۆلىتمىزنىڭ 3C دەرىجىلىك باھالىشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكەندىن كېيىن، بۈگۈن تىپ نومۇرى "XT1561" بولغان Moto X Play نۇسخىلىق يانفون ئېلېمىز بازىرىدا تورغا كىرىش ئىجازىتىگە ئېرىشتى. بۇ يانفوننىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى بولسا 3630 مىللى ئامپىرلىق چوڭ سىغىملىق باتارىيە سەپلەنگەن، تېز سۈرئەتتە زەرەتلەش تېخنىكسى قوللىنىلغان، زاۋۇت تەرەپنىڭ چۈشەندۈرشىچە، تېز بولغاندا ئىككى كۈندە بىر قېتىم زەرەتلىسىلا بولىدىكەن.
Moto X Play نۇسخىلىق يانفونغا زاۋۇتتىن چىققاندىلا Android 5.1.1 مەشغۇلات سېستىمىسى قاچىلانغان، Moto X Style نۇسخىلىق يانفونغا ئوخشاش پۈتۈنلەي Moto يۇمتالى قاچىلانغان، شۇنداقلا يەنە ئوخشاش كامىرا سەپلەنگەن- يەنى كەينى يۈزىگە 21 مىليون پىكسىللىق ئاساسى كامىرا، ئالدى يۈزىگە 5 مىليون پىكسىللىق قوشۇمچە كامىرا سەپلەنگەن. بۇ يانفوننىڭ 3630 مىللى ئامپىرلىق باتارىيسى موتورولا ئۈچۈن ئېيتقاندا ئادەتتىكى ئەھۋالدا 48 سائەت ئىشلىتىشكە يېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە TurboPower 15 لىق تېز سۈرئەتتە زەرەتلەشنى قوللايدۇ. Moto X Play يانفونىنىڭ باشقا سەپلىمىلىرى يەنە ئاساسى چاستوتىسى 1.7GHz بولغان كۇۋالكۇم سىناپدىراگون 615 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 2GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 16/32GB لىق ئاساسى سىغىم بوشلىقى قاتارلىقلار سەپلەنگەن. مىكرو تىپلىق SD كارتىسىنى، قوش كارتىنى ۋە 4G LTE لىق تور شەكلىنى قوللاش ئىقتىدارىغا ئىگە.