تېبابەتتە خاتىرىلىنىشىچە، ئادەتتە تىرناقتىكى ئالامەتلەردىن بىر ئادەمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى بىلگىلى بولىدىكەن. ئامېرىكا فىلورىدا ئىشتاتىدىكى تېرە كېسەللىرى دوختۇرى تامالا . لىئوۋ مەلۇم بىر ئاغرىقنىڭ تىرنىقىدا كۆك رەڭنىڭ بارلىقىنى بايقاپ، ئۇنىڭغا ئۆپكىسىنى تەكشۈرتۈپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلغان، چۈنكى تىرناقتىكى كۆك رەڭ بەدەندىكى ئوكسىگېننىڭ ئازلىقىنى ئىپادىلەيدىكەن، نەتىجىدە ئاغرىقنىڭ ئۆپكىسىدە سۇ بارلىقى بايقالغان.
ئادەتتە ئون تال تىرناقنىڭ ئون تال يىلتىزى بولىدۇ، ئەگەر ئون تال تىرناقنىڭ يىلتىزى ساغلام بولسا، قالقانسىمان بەزنىڭ ساغلاملىقىنى، بىرەرسىنىڭ يىلتىزى كەم ياكى ساغلام بولمىسا، شۇ ئورۇندىكى قالقانسىمان بەزدە مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
دوختۇر تامالا. لىئوۋ كۆپ يىللىق تەتقىقات ۋە كىلىنىكىلىق داۋالاشتىن تىرناقتىكى ئون خىل ئالامەتنىڭ بەزى كېسەلدىن بېشارەت بېرىدىغانلىقىنى يەكۈنلەپ چىققان.
1.تىرناق ئاقارسا، جىگەر ياللۇغى تىپىدىكى جىگەر كېسىلىنىڭ ئالامىتى ئىكەن.
2.تىرناق سارغايسا، ئۆپكە گازلىق ئىششىقى تىپىدىكى ئۆپكە كېسىلىنىڭ ئالامىتى بولىدىكەن.
3. تىرناق سارغايسا ھەم يىلتىزى سۇس قىزارسا، قەنىت كېسىلىنىڭ ئالامىتى ئىكەن.
4. تىرناقنىڭ يېرىمى ئاق، يېرىمى ھال رەڭ بولسا، بۆرەك كېسىلىنىڭ ئالامىتى ئىكەن.
5. تىرناق قىزارسا، يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالامىتى ئىكەن.
6.تىرناق ئاقارسا ياكى كۈلرەڭ بولسا، قان ئازلىقنىڭ ئالامىتى ئىكەن.
7.تىرناق يۈزى ئولتۇرۇشۇپ ياكى قورۇلۇپ قالسا، كالا تەمرەتكىسى ياكى بوغۇم ياللۇغىنىڭ ئالامىتى بولىدىكەن.
8. ناغرا چوكىسىسىمان بارماق يەنى بارماق ئۇچى ئۆسسە، ئۆپكە كېسىلىنىڭ ئالامىتى ئىكەن.
9.تىرناق پۈرۈلۈپ باش تەرىپىدە تەرتىپسىز قىزىل سىزىقچىلار بولسا، قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسى ياكى بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما كېسىلىنىڭ ئالامىتى ئىكەن.
10. تىرناق ئاستىدا رەڭلىك سىزىقچىلار بولسا، قارا رەڭلىك ئۆسمە بارلىقىنىڭ ئالامىتى ئىكەن.
تىرناقتىكى ئۆزگىرىشلەر پەقەت مەلۇم كېسەللىكنىڭ ئالدىن بېشارىتى، ئەمما ئەمەلىي كېسەللىك يەنىلا دوختۇرنىڭ تەپسىلىي تەكشۈرۈشىگە موھتاج، شۇڭا كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بەدىنىمىزدىكى كىچىككىنە ئۆزگىرىشلەرگە سەل قارىماي، ۋاقتى – ۋاقتىدا سالامەتلىكنى تەكشۈرتۈشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم.