تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
پۇل مېھرى

ئابدۇلھەق ئابلىز

    ئالدىمدا تۇرغان پۇلغا ئېڭىشىپ قولۇمنى ئۇزاتتىم – يۇ، ئۇنى قولۇمغا ئېلىشىتا ئىككىلىنىپ قالدىم.

    يولدا ئۇچرىغان پۇلنى ئالمىغىن.

    مومامنىڭ دائىم دەيدىغان شۇ گېپى يادىمغا كەلدى. ئەتراپىمغا قارىدىم، ھېچكىم كۆرۈنمەيتتى. بىرسى كۆرمىدىغۇ. شۇ خىيال بىلەن بەكرەك ئىڭىشىپ قولۇمنى پۇلغا سوزدۇم.

    يولغا تاشلانغان پۇللاردا قەست بار، بالا – قازانى باشلاپ كېلىدۇ، ئالمىغىن.

    مەرھۇم مومامنىڭ گېپى خۇددى يېنىمدا ئاڭلانغاندەك چۆچۈپ يەنە ئەتراپىمغا قارىدىم، ھېچكىم يوق. خىيالىمكەندە بۇ؟ پۇلنى ئالايمۇ، ئالمايمۇ؟ مومامنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىگە ئون نەچچە يىل بولغانىدى. ئۇنىڭ گەپ قىلالىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. بۇ بىر خاتا تۇيغۇممۇ نېمە، دېگەنلەرنى ئويلىدىم يەنە.

    پۇتۇمنىڭ يېنىدا، ئالدىمدا شۇنداقلا قولۇمنى سۇنسام يېتىدىغان يەردە يېپيېڭى بىر ۋاراق 50يۈەنلىك پۇل تۇراتتى. بەش موچەن، بىرەر كوي، ياق، ياق، بەش، ئون كوي بولسىمۇ كۆزقىرىمنى سېلىپ قويمايتتىم. بىراق بۇ تاراقشىپ تۇرىدىغان يېڭى ھەم كۆپكۆك پارقىراپ تۇرىدىغان ئەللىك كوي پۇل – دە.

    يولدا ئۇچرىغان پۇل شۇملۇق، بالا – قازا ئەكىلىدۇ.

    مومامنىڭ نەدىن تاپقان ئاساسسىز گېپىدۇ بۇ؟ چوڭلار دەۋېرىدۇ. كىممۇ بۇنچە كۆپ پۇلنى بېشىدىن ئۆرۈپ يولغا تاشلاپ قوياتتى. كىم بىلىدۇ، بىرەر ئوغرىنىڭ ياكى قۇيمىچىنىڭ يانچۇقىدىن چۈشۈپ قالدىمۇ؟ مۇشۇ ياشقا كەلگۈچە 50 كوي ئەمەس، ئون كويمۇ ئۇچراپ باقمىغانىدى. شۇ تاپتا پۇلدىن ئەتىگەنلىك قۇياشنىڭ نۇرىدىن سۇنغان بىر كۆكۈش نۇر تاراپ تۇراتتى. ‹‹بۇ پۇلنى ئالمىغان ئادەم ساراڭ›› دەپ ئويلىدىم ئۆزۈمچە. ئاز پۇلمۇ بۇ؟ مۇشۇ پۇل ئۈچۈن بىر كۈن كەچكىچە ئىشلەيدىغانلار ئاز ئەمەس. تېخى بۇنچىلىك تاپالمايدىغانلارمۇ نۇرغۇن. ‹‹سەدىقە بالانى يەر›› دەيدىغان مومام، دەپ ئويلىدىم. شۇ ئوي كاللامغا كېلىشىگە ئىچىمدىكى ئىككىلىنىش سەل بېسىقىپ ئىڭىشىپ تۇرۇپ پۇلنى ئالدىم. بۇ يەردە تۇرۇپ نەدە بىر كىملەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغىنىدىن ئۆزۈم ئېلىپ بىرەر ئاجىز – يېتىمگە ياكى تىلەمچىگە بېرىۋەتمەمدىم؟! بۇنى ئۆزۈم خەجلىمىسەم بولدىغۇ؟

    پۇلنى ئالدىم. قاتلاپ ئىچ يانچۇقۇمغا سېلىپ يولۇمغا مېڭىپ كەتتىم. يولدا يەنىلا ئادەمزات كۆرۈنمەيتتى. ‹‹بۈگۈنلا بىرەر تىلەمچى – ئاجىزنى تېپىپ بۇ پۇلنى بېرىۋەتمىسەم›› دەپ ئويلىدىم سەل يېنىكلەپ. ئۆيگىمۇ كىرمەي دائىم تىلەمچىلەر يىغىلىشىپ تىلەمچىلىك قىلىدىغان تۆت كوچا دوقمۇشىغا قاراپ ماڭدىم. پۇلنى بېرىۋېتىپلا ئۆيگە قايتىشنى ئويلىدىم. باردۇ – ھە، بىرەر تىلەمچى. تەلىيىمگە كوچا دوقمۇشىدا ياشانغان بىر ئايال كونا داستىخىنىنى يېيىپ ئۆتكەن – كەچكەنلەرگە تەلمۈرۈپ قاراپ، دات ئېيتىپ، دۇئا قىلىپ تىلەپ ئولتۇراتتى. تىلەمچىگە يېقىنلاپ كەلدىم. ئۇنىڭ ئالدىدا پەقەت بىر كويلۇق پۇلدىن بىر ۋاراق، قالغانلىرى بەش مو، بىر مولۇق كونا پۇللار تۇراتتى. ‹‹50 كوينى بەرسەم كۆپ بولۇپ كېتەمدۇ نېمە؟›› تۇيۇقسىز كەلگەن خىيالدىن ئىتتىك مېڭىپ كېتىۋاتقان قەدەملىرىم ئىختىيارسىز توختاپ قالدى. راست، 50 كوي پۇلنى شۇنداقلا بېرىۋەتسەم...

    تىلەمچىلەرگە، ئاجىز – غېرىبلارغا ئاز بولسىمۇ سەدىقە بېرىشنى ئۇنتۇپ قالمىغىن، سەدىقىنىڭ چوڭ – كىچىكى بولمايدۇ، دەيتتى مومام رەھمەتلىك.

    توغرا، سەدىقىنىڭ ئاز – كۆپى بولمايدۇ، 50 كوينى بەرسەممۇ، 30 ياكى 20 كوينى بەرسەممۇ بولۇۋېرىدۇ؟ شۇ خىيال بىلەن تۆت كوچىدىكى ھاراق – تاماكا دۇكىنىغا كېلىپ بىر قاپ تاماكا ئېلىپ پۇلنى 20 كوي، ئون كوي، بەش كوي، ھەتتا بىر كويلۇق پۇللارغا پارچىلىۋېلىپ يەنە تىلەمچى ئايالنىڭ يېنىغا كەلدىم. كېلىشىمگە ئۇ داتلاپ – قاقشاپ كەتتى. بىر نەرسە بېرىدىغىنىمنى بىلىۋاپتۇ – دە، بۇ ئايال، بەك سەزگۈر جۇمۇ ھازىرقى تىلەمچىلەر، دەپ ئويلىغاچ يانچۇقۇمغا قولۇمنى تىقتىم. قانچە پۇل بەرسەم بولار، 20 كويمۇ جىقتەك قىلىدۇ. بۇ كۇندە قايسى بىر ئادەم كوچىدىكى تىلەمچىگە 20 كوي بېرىدۇ. ئون كوي بەرسەممۇ جىق كەتكۈدەك ئۇنىڭغا.

    دۇئانىڭ چوڭ – كىچىكى بولمايدۇ، دەيتتى رەھمەتلىك مومام.

    ئەڭ ياخشىسى بەش كوي بېرەي، بۇ ئايال بۈگۈن پۈتۈن كۈن ئولتۇرغان بىلەنمۇ مەندىن باشقا ھېچكىم بەش كوي بەرمەس.

    تېخىچە قولۇمغا تەلمۈرۈپ قاراپ تۇرغان ئايالغا قاراپ يانچۇقۇمغا قولۇمنى سالدىم ھەم قولۇمغا چىققان بىر كوي پۇلنى ئايالنىڭ داستىخىنىغا تاشلىدىم. ماڭا ئۇزاق ئۆمۈر، ساقلىق تىلەپ دۇئاسىنى يەنە باشلىغان ئايالغا بىردەم قاراپ تۇرۇپ، ئۆز – ئۆزۈمگە مەمنۇنىيەت بىلەن پىچىرلىدىم:

    مانا، بىر كويمۇ ئاز ئەمەس دېدىمغۇ...

مەنبە: http://uy.ts.cn/wenxue/content/2016-01/11/content_486728.htm

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز