خاسىيەت گايىت
ئۇچۇر دەۋرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بىر قىسىم ئوتتۇرا – باشلانغۇچ ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈندىدار ھەم QQ ئارقىلىق ئۆز ئارا پىكىرلىشىدىغان بولۇۋالدى. يېقىندا ئۈندىدار قىزىل بولىقى تالىشىش ئوقۇغۇچىلارنى بەكلا جەلپ قىلىۋالدى، ئۇلار ئۆز ئارا بىر – بىرىگە قىزىل بولاق تاشلاشنى مۇناسىۋەتنى يېقىنلاشتۇرۇشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋاتىدۇ. ئىگىلىشىمچە، ھازىر كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئۈندىداردا قىزىل بولاق تالىشىشنى ئويۇنغا ئايلاندۇرۇۋېلىپ، بۇنداق ئويۇننى پۇل تېپىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالغان. شۇڭا، ئاتا – ئانا، ئوقۇتقۇچىلار بالىلاردىكى بۇنداق ئەھۋالنى تىزگىنلىشى ھەم تەربىيەنى كۈچەيتىشى كېرەك.
يېقىندا مۇشۇ مەسىلىنى مەزمۇن قىلغان ھالدا بىر نەچچە ئوقۇغۇچىنى زىيارەت قىلدىم. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەلۇم بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇق 1 – يىللىقىدىكى نادىرە مۇنداق دېدى: ئەسلىي ئۈندىداردا قىزىل بولاق تالىشىپ ئويۇن ئويناش قىزىقارلىق ئويۇن بولۇپ، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا مېڭىمىزنى ئارام ئالدۇرىدىغان ساغلام بولغان ئويۇن شەكلى ئىدى، ئەمما قىسمەن ئوقۇغۇچىلار بۇ ئويۇننى پۇل توپلاشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالدى، بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار تۇغۇلغان كۈنى، بايراملاردا باشقىلاردىن قىزىل بولاق بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ، بەزىدە بىزمۇ ئامالسىزلىقتىن قىزىل بولاق بېرىمىز، گەرچە پۇل سوممىسى ئانچە يۇقىرى بولمىسىمۇ، ئۇنىڭدىن – بۇنىڭدىن قىزىل بولاق ئېلىش ئارقىلىق خېلى كۆپ پۇلغا ئېرىشەلەيدۇ.
مەن يەنە بىر نەچچە ئاتا – ئانىلارنى زىيارەت قىلغىنىمدا ئۇلار: ئۈندىداردا قىزىل بولاق تالىشىش ئويۇنى بالىلارنىڭلا ئەمەس چوڭلارنىمۇ ئۆزىگە قارىتىۋالدى. بالىلار ئويۇنغا ئامراق كېلىدۇ، شۇڭا، بۇ جەھەتتە ئۇلارنى توغرا يېتەكلەش مۇھىم، ئەگەر توغرا يېتەكلىمىگەندە، بالىلار تۇيۇق يولغا مېڭىپ قېلىشى مۇمكىن. بالىلارنىڭ ساغلام بولغان تور ئويۇنلىرىنى ئوينىشى نورمال ئەھۋال، بۇمۇ بىر خىل مېڭىنى ئارام ئالدۇرۇش ئۇسۇلى. ئەمما، ھەددىدىن زىيادە تور ئويۇنىغا بېرىلىپ كېتىش بالىلارنى خاتا يولغا باشلاپ قويۇشى مۇمكىن، شۇڭا، ئاتا – ئانىلار ھەر ۋاقىت ھوشيار بولۇپ، بالىلارنىڭ ئويۇن ئويناش ۋاقتىغا چەك قويۇشى، قانداق ئويۇنلارنى ئويناش – ئوينىماسلىق توغرىسىدا تەربىيەنى كۈچەيتىشى كېرەك. بولۇپمۇ ئۈندىداردا قىزىل بولاق تالىشىشتەك ئادەمنى ئاسانلا ئېزىقتۇرىدىغان ئويۇنلارنى ئويناشنى ئامال بار چەكلەش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىپىسى ياخشى ئوقۇپ بىلىم ئىگىلەش، شۇڭا، زېھنىنى ئۆگىنىشكە قارىتىشى لازىم. ئاتا – ئانا، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا بۇ جەھەتتىكى تەربىيەنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، ئۇلاردا ساغلام بولغان پىسخىكىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك
ئەسلى مەنبە:http://uy.ts.cn/life/content/2016-03/14/content_508924.htm