تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
مەمۇرلار ئىمتىھانىدىكى ئەڭ كۆپ تىزىملاتقان ئورۇن قايسى؟

25-ئىيۇن مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، 2015-يىلى شىنجاڭ مەمۇرلار ئىمتىھانىغا 150791 ئادەم تىزىملاتقان، 81633 ئادەم «بوغدا كۆلى پىلانى» غا قاتناشقان. 

ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسى قەشقەر ئاياللار تۈرمىسى تۈرمە مەمۇرىيىتىنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم ئەزالىق ئورنىغا ئەڭ كۆپ ئادەم تىزىملاتقان بولۇپ، 8 نەپەر بۆلۈم خادىمى قوبۇل قىلىدىغان ئورۇنغا 557 ئادەم تىزىملاتقان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسى ئاياللار تۈرمىسى تۈرمە مەمۇرىيىتىنى باشقۇرۇش بۆلۈمى بۆلۈم ئەزالىق ئورنىغا 544 ئادەم تىزىملاتقان بولۇپ، تىزىملاتقان ئادەم سانى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئورۇن ئۈرۈمچى ئىقتىسادىي تېخنىكا تەرەققىيات رايونى مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بۆلۈم ئەزاسى ئورنى بولۇپ، بىر ئادەم ئالىدىغان ئورۇنغا 509 ئادەم تىزىملاتقان.

19-ئىيۇن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 18:30 گىچە 228 ئورۇنغا ھېچقانداق ئادەم تىزىملاتمىغان.   

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز