خەۋەرلەر
تەرمىلەر
ناخشىلار
كىنولار
لارMTV
چولپانلار
ئۇيۇنلار
تېلېۋىزىيە
ساغلاملىق
ناخشا يوللاش
تەرمىلەر باش بېتى
ئەدەبىيات گۈلزارى
تۇرمۇش ساۋاتلىرى
قىزىقارلق پاراڭلار
مەشھۇر شەخىسلەر
ساغلاملىق بىلملىرى
خانىم - قىزلار
مائارىپ ئۇچۇرى
يانفۇن ھەققىدە
مۇھەببەت ئۈنچىللىرى
ئۇزار يېڭلىقلىرى
ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز
بالىلار ساغلاملىقى
قانۇن بىلملىرى
شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
جىنسى كېسە ..
ياش - ئۆسمۈ ..
ئانا سۈتىد ..
تۇغۇتتىن ك ..
يازدا زەنج ..
دائىم پىيا ..
تەلىم-تەرب ..
ئوقۇتقۇچى ..
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
1
جىنسى كېسەللىكلەر ۋە ئەيدىز
2
ياش - ئۆسمۈرلەر ۋە ئەيدىز
3
ئانا سۈتىدە بېقىلىۋاتقان بوۋاق ..
4
تۇغۇتتىن كېيىنكى ئەسەبىيلىشىش ..
5
يازدا زەنجىۋىلنى كۆپرەك ئىستېم ..
6
دائىم پىياز يەپ تۇرۇش سالامەتلى ..
7
تەلىم-تەربىيەدە يەنىلا ئىلھاملان ..
8
ئوقۇتقۇچى دوستۇمغا ئىككى كەلىم ..
9
ماشىنىدا كىتاب ئوقۇغاندا باش ق ..
10
مۇھىمى پىسخىك ساپا
11
تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەتە
12
ھاياتلىق ناخشىسى
13
يول ھەققىدە پاراڭ
14
قەدىرلىنىش تۇيغۇسى ۋە ئىنسانىي ..
15
تاللانغان رازۋېدكا ھېكايىلىرى(81) ..
يېڭى مەزمۇنلار
1
جىنسى كېسەللىكلەر ۋە ئەيدىز
2
ياش - ئۆسمۈرلەر ۋە ئەيدىز
3
ئانا سۈتىدە بېقىلىۋاتقان بوۋاق ..
4
تۇغۇتتىن كېيىنكى ئەسەبىيلىشىش ..
5
يازدا زەنجىۋىلنى كۆپرەك ئىستېم ..
6
دائىم پىياز يەپ تۇرۇش سالامەتلى ..
7
تەلىم-تەربىيەدە يەنىلا ئىلھاملان ..
8
ئوقۇتقۇچى دوستۇمغا ئىككى كەلىم ..
9
ماشىنىدا كىتاب ئوقۇغاندا باش ق ..
10
مۇھىمى پىسخىك ساپا
ئورنىڭىز ›› ئۇزار تورى ››
تەرمىلەر سەھپىسى
››
ئاۋات مازار
يوللانغان ۋاقىت:
2013-04-21
يوللىغۇچى:
ئايقىز-ئۇزارقىزى00
ئاۋاتلىقى:
2506
قېتىم كۆرۈلدى
ئاۋات مازار
ئاۋات مازار
شەھرىمىزدە ئىككى چوڭ مازىرىم بار. بىرىنى «تاغ سارىغان» دەپ ئاتىشىمىز. يەنە بىر مازارلىقنىڭ ئىسمىنى نىمە دەيدىكىن بىلمەيدىكەنمەن. ئىسىمنى بىلىپ ھازىرغىچە بىرەر كىشىنىڭ بىلىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. بەلكىم ھەممە كىشى ئۇنتۇلۇپ كەتكەن بولسا كېرەك.
ھەر پەيشەنبە تۇپراق بېشىغا چىقىش ئادەت بۇلۇپ قاپتۇ. پەيشەنبە كەلگەن كۈنىلا ئۆيدە ئالدىراش ئىشى يوق ئەركىشىلەر ھەممىمىز بىرلىكتە تۇپراق بېشىغا چىقىمىز. دادام، دادامنىڭ ئۇكىسى، ئانامنىڭ ئىككى ئۇكىسى، مەن يەنە ئىنىممۇ بار. ئارىمىزدا ئانامنىڭ چوڭ ئۇكىسىنىڭ قۇرئاندىن ئابدانلا خەۋىرى بار، ھەرقېتىم ئۇ قىرائەت قىلىدۇ، ناھايىتى مۇڭلۇق قىرائەت قىلىدۇ.
بۈگۈن پەيشەنبە، ئورنىمدىن ئادەتتىكىدىن سەھەر تۇردۇم. چۈنكى يەنە تۇپراق بېشىغا چىقىشىمىز كېرەك ئىدى. لىكىن بۈگۈن كۆپ كىشى بارمايدىكەنمىز. چوڭ تاغام بىلەن دادام ۋە مەن ئۈچىمىزلا بارىدىكەنمىز. ئاخشام شۇنداق دىگەن ئىدى. باشقىلارنىڭ ئىشلىرى بار ئوخشايدۇ. قانداقلا بولسا، ئۈچىمىز تۇپراق بېشىغا مېڭىۋەردۇق. يولدا، ماشىنىدا ماڭغاچ تاغام تەگبىر ئېيتىپ ماڭدى. خۇددى ھەر قېتىمقى ھېيت نامىزىغا ماڭغاندا، يولدا تەگبىر ئېيتىپ ماڭغانغا ئوخشاش. دادام بىلەن ئىككىمىزمۇ تۆۋەن ئاۋازدا ئەگىشىپ ئېيتىپ ماقدۇق.
- ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، لائىلاھە ئىللىللاھۇ ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر...
ئۈزۈلمەي ئېيتىپ ماقدۇق. گەرچە ئاغزىمدا تەگبىر ئېيىپ مېڭىۋاتقان بولساممۇ، زېھنىم جايىدا ئەمەس ئىدى. نىمىلەرنىدۇر ئويلاپ ماڭاتتىم. تۇپراق بېشىغا يېقىنلىغان سېرى، تىگى يوق خىياللاردىن ئۆزۈمنى تارتتىم.
ئىككى تەرىپىگە قاتار دەرەخ قۇيۇلغان، يوغان دەرۋازىدىن كىرگەندىن كېيىن، تاغام ماشىنىنى توختاتتى، ئاندىن ھەممىمىز چۈشۈپ دۇئاغا قول كۆتۈردۇق. پۈتۈن ئەتراپ شۇنچە جىمجىت، قايەردىندۇر كەكلىكلەرنىڭ ئاۋازى كېلەتتى. يەنە قويلارنىڭ مەرەشكەن ئاۋازى، مېكىيانلارنىڭ كاكىلىغان ئاۋازىمۇ بار. تۇرۇپلا قۇشلارنىڭ چىر-چۇر قىلىپ سايراپ قۇيۇشلىرىمۇ ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. شۇنچىلىك جىمجىت، تىنىچ، ئادەممۇ يوق. ئەلۋەتتە، تىرىك ئادەملەرنى دېمەكچىمەن... بۇنىڭغا ھەيران قالمىساقمۇ بولىدۇ. چۈنكى توپراق بېشىغا چىققان كىشىلەر ، ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ بېشىغا چاچقان گۈرۈچ قاتارلىق نەرسىلەرگە ئۆگەنگەن قۇشلار بۇ...
ماشىنىنى ياخشىراق يەرگە توختاتقاندىن كېيىن، جەينىمازلىرىمىزنى ئېلىپ، ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ بېشىغا باردۇق. ئىلگىرىكىدەك تاغام قىرائەتنى باشلىۋەتتى. دادام بىلەن ئىككىمىز باشلىرىمىزنى توۋەن سالغىنىمىزچە، تاغامنىڭ قىرائىتىگە قۇلاق سېلىپ ئولتۇردۇق. ئارىدىن خېلى ۋاقىتلاردىن كېيىن ئۇنىڭ قىرائىتىمۇ ئاخىرلاشتى. دۇئادىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ بىر ئىشنى ئۇنتۇغانلىقىمنى سەزدىم. يەنى چېچېپ قويدىغان گۈرۈچلەرنى ماشىنىدا ئۇنتۇلغان ئىكەنمەن.
-گۈرۈچ ماشىنىدا قاپتۇ، مەن ئېلىپ كېلەي،- دېدىم ئۇلارغا تۆۋەن ئاۋازدا. ئۇلار ئىپادە بىلدۈرمىدى. كەينىمگە ئۆرۈلۈپ نەچچە قەدەم مېڭىۋىدىم دادامنىڭ ئاۋازى كەلدى:
-قاراپ ماڭغىن بالام! خەقنىڭ بېشىغا دەسسەپ قويما يەنە!
دادام دېمىسىمۇ بۇ گەپ ماڭا يادقا ئىدى. ئانامنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە مازارلىقتا خەقنىڭ بېشىغا دەسسەپ قويسا، پۇتى ئاغرىيدىغان بۇلۇپ قالارمىش. بەلكىم بۇ راست بولسا كېرەك. قانداقلا بولسا مەن ھەرۋاقىت ناھايىتى ئاۋايلاپ مېڭىپ كېلىۋاتىمەن، دەسسىۋالغىنىم يوق.
گۈرۈچلەرنى ئېلىپ كەلسەم دادام بىلەن تاغام ئىككى نىمىلەرنىدۇر دىيىشكىلى تۇرۇپتۇ. گەپلىرىدىن قارىسام يەرلىك ئېلىپ قويىدىغان گەپلەر ئىكەن.
-بەش مىڭ يۈەن دەيدۇ،- دېدى تاغام قولىدىكى ياغاچ بىلەن قەبرە ئەتراپىدىكى قېتىپ كەتكەن توپراقنى يومشاتقاچ،- ماقۇل دەپلا بەردىم. تۆت كىشلىك يەر كولاپ قويىدىغان بولدى.
-ئۆتكەن يىلى ئىككى-ئۈچ مىڭنى بەرسە كولاپ بېرەتتى،-دېدى دادام قۇلۇمدىن گۈرۈچلەرنى ئالغاچ،- بۇمۇ ئۈسۈپ كېتىپتۇ مانا...
ئارىنى يەنە جىمجىتلىق قاپلىدى. تاغام تۇپراق بوشىتىش بىلەن، دادام گۈرۈچ چېچىش بىلەن، مەن تىكىپ قويغان سېدە كۆچەتلىرىگە سۇ قۇيۇش بىلەن ئاۋارە ئىدۇق. تۇيۇقىسز كۆزۈم ئانچە يىراق بولمىغان يەردىكى بىرجۈپ كەكلىكنى كۆرۈپ قالدىم.
-دادا قارا! كەكلىك!،- دېدىم قۇلۇم بىلەن كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ، دادام ئېرەن قىلمىغاندەك مۇنداقلا قاراپ قويدى ۋە ماڭا قاراپ:
-بىگىز بارمىقىڭنى چىشلە، ئۇنداق قىلساڭ بولمايتتى،- دېدى ۋە ئېغىر بىرنى ئۇھسىنغاندىن كېيىن،- بۇرۇن بۇنداق كەكلىكلەر جىقتى، مەھەللىدىكى قاسىم كاۋاپمۇ ئۈچ-تۆتنى قۇيىۋەتكەن. لوشاڭ تۇتۇپ كەتتى بولغاي...بۇرۇن جىقتى بۇيەردە، قارا، ئاسىم ئاخۇنمۇ كەپتۇ،- دېدى دادام يىراقتىن كېلىۋاتقان بىرەيلەننى كۆرسىتىپ.
-ئۇ ئادەممۇ ھەر پەيشەنبە كېلىدىكەن،- دېدى تاغام ،- بالىسىنى ئاشۇ دۆڭنىڭ ئارقىغا قۇيۇپتىكەن ئەمەسمۇ
-بالىسى بولغان بولسا ھازىر سەن بىلەن تەڭتۈش بولاتتى،- دېدى دادام ماڭا قاراپ،- سەن تۇنىمايسەن، ئۇ ۋاقىتتا كىچىك ئىدىڭ
ئۇلارنىڭ گەپلىرىگە ئانچە ئېرەن قىلمىدىم. مىنى قىزىقتۇرغىنى ئاۋۇ بىرجۈپ كەكلىك ئىدى. ئىلگىرى مەھەللىدىكىلەرنىڭ كەكلىك سۇقۇشتۇرۇپ ئوينايدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. لىكىن مۇشۇ كەمگىچە كۆرۈپ باقمىدىم. قانداق بولىدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن. خۇددى خوراز سۇقۇشتۇرغاندەك بولسا كېرەك.
ئاسىم ئاخۇننىڭ بارغانسىرى يېقىنلاپ كەلگەن ئىدى. مەن ئەدەپ بىلەن بېرىپ كۆرۈشتۈم. چوڭلارمۇ كۆرۈشتى. ئۇ ئادەم بۈگۈن كۆزۈمگە باشقىچە قېرىپ كەتكەندەك كۆرۈندى، يىغلىغان بولسا كېرەك، كۆزلىرى قىزىرىپ كېتىپتۇ.
-بۇ جازىلارنى ئېلىۋېتىڭلار،- دېدى ئاسىم ئاخۇن تۇققانلارنىڭ بېشىغا ئورنىتىپ قويغان ياغاچ جازىلارنى سىلىغاچ،- بۇنداق بولسا بولمايدىكەن، قەبرە يەر بىلەن تۈپتۈز بولمىقى بار ئىكەن.
-ھە،ھە..شۇنداق دەۋاتاتتى،-دېدى تاغاممۇ ئالدىراپلا،- ۋاقىت چىقمايۋاتىدۇ، ئەمدى كېلەر ھەپتىدە ئېلىۋېتەي، ھەراست، ئاۋۇ يەردىن تۆت كىشلىك ئۇرۇن ئېلىپ قويدۇم، بەش مىڭ كويغا،- دېدى تاغام بۇرنىنىڭ ئۇچى بىلەن ئىما قىلىپ،-ئەتراپتىكى ھەممىسى كاتتا ئالىملار ئىكەن. ياخشى ئۇرۇنكەن بۇ...
-ھە، بۇمۇ بوپتۇ. بۇرۇن ئۈچ يۈز كويتى بۇ يەرلىك،- دېدى ئاسىم ئاخۇن تاغام كۆرسەتكەن تەرەپكە قاراپ تۇرۇپ،- ھازىر بەش مىڭغا چىقىپتۇ مانا...
ئۇلار بىردەم ئۇيەر-بۇيەردىن پاراڭ قىلدى. ئاندىن ئاستا قايتتۇق. تاغامنىڭ دېيىشىچە ئەتىدىن باشلاپ يەرلىك كولايدىغانلار بىلەن بىرگە نەچچە كۈنۈم تۇپراق بېشىدا ئۆتىدىكەن.
-ھەربىر لەھەتنى كولاپ بولغاندا، ئىچىگە كىرىپ يېىتىپ بار، ئاستى تەكشى، كەڭرى، تۈز بولدىمۇ ئوبدان قارا،- دەپ تاپىلىدى تاغام .
-ماقۇل،- دېدىم تۆۋەن ئاۋازدا، بىراق يۈرىكىم «جىخ» قىلىپ قالدى.
دېگەندەك، ئەتىسى چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ تۇپراق بېشىغا كەلدىم. لەھەت كولاش ئۈچۈن ئىككى مەدىكارنى ياللىغان ئىكەن. قاراپلا تازا ھۇرۇن، ئىش خوش ياقماس نىمىلەر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالدىم. تاغامنىڭ ئۆگەتكىنى بويىچە قاپىقىمنى تۈرۈپ، ئۇلارنىڭ بېشىدا موگو دەك ئولتۇرىۋالدىم. تاغامنىڭ دىيىشىچە شۇنداق قىلمىساق ياخشى قىلمايدىكەن، ئىككى كۈنلۈك ئىشنى نەچچە كۈنگە سوزىۋېتىدىكەن. كۈنلىكى 70 يۈەندىن ھېسابلانسا، نەچچە كۈنگە سوزىۋەتسە، ئۆزىمىزنىڭ قىلغىنى سەل ياخشىراق بولىدىكەن. شۇنداق قىلدىم ئۇلارنىڭ ئالدىدا مىخ بىلەن زىخ ئولتۇرىۋالدىم. بىرىنچى لەھەتنى كولاپ بولىۋىدى،يەنە شۇ تاغامنىڭ دېگىنى بويىچە لەھەتنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ يېتىپ باقتىم. تەلەپكە يەتكەن ئىدى. لىكىن، كىرىپ يېتىپ، يېنىپ چىققۇچە يۈرىكىم ئاغزىمغا تىقىلىپ قالدى. يېرىم كۈندە ئاران بىرنى كولىدى. شۇكۈنى كەچتە ئۆيگە قايتىپ ئۇخلاپ، ئەتىسى قوپسام كالپىكىمغا قوقاق چىقىپ قاپتۇ. ئەزەلدىن بىر نەرسىدىن قورقۇپ كەتمەيدىغان ئادەم نىمە بولغاندىمەن دەپ قالدىم.
ئارىدىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتتى، مۇبارەك قۇربان ھېيتمۇ كېلىپ قالدى. ھېيتنىڭ ھارپا كۈنى ئائىلىدىكى ھەممەيلەن يىغىلىپ تۇپراق بېشىغا چىقتۇق. بىراق ھەيران قالدىم! نىمە دىگەن كۆپ ئادەم بۇ؟! خۇددى «پىت بازىرى» بۇلۇپ قاپتىغۇ بۇيەر؟!
ئىلگىرىكى كۈنلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ باقتىم: جىمجىت، تىنىچ، تۇرۇپ-تۇرۇپلا كەكلىكلەرنىڭ، قۇشلارنىڭ ئاۋازى كېلىدۇ، يەنە قويلارنىڭ مەرەشلىرى تۇخۇلارنىڭ كاكىلداشلىرى... لېكىن، بۈگۈن ئوخشىمايدۇ. ھەممە يەرگە ئادەم ئايىقى يەتكەن. قايسىلار يەرگە قارىساڭ بېشىغا ھەرخىل دوپپىلارنى كىيىپ يۈرگەن كىشىلەر، قولتۇقلىرىدا جەينىماز. ئۇششاق بالىلارمۇ، چوڭلارمۇ، قېرىلارمۇ باشقىچە...
يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا قاتار ئولتۇرۇپ كەتكەن تېلەمچىلەرچۇ تېخى؟! دادام بەرگەن بىر تۇتام بىر يۈەنلىك پۇللارنى تارقىتىپ بەردىم، يېرىمىغا يەتمىدى بولغاي. يەنە ئۇلارنىڭ بىرنىمىلەرنى دەپ ئۇرۇشۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم.بەلكىم «سودا» تالاشسا كېرەك...
مانا مۇشۇنداق، باشقا كۈنلىرى تىپتىنىچ تۇرىدىغان بۇ مازىرىم، بۈگۈن باشقىچە ئاۋات ئىدى. يەنى ھېيتنىڭ ھارپا كۈنى شۇنداق ئاۋات ئىدى. نىمىشقا باشقا كۈنى ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى يوقلاپ كەلمەيدىغاندۇ؟ دەپ ئويلاپمۇ قالدىم. بەلكىم ھەرخىل سەۋەپلىرى بار. بىراق يەنىلا شۇنداق دىگۈم كېلىدۇ:
-ئۇنداق قىلماڭلار، يوقلاپ تۇرۇڭلار...سىلەمۇ بىركۈنى بۇيەردە ياتىسىلەر...داداڭلارنىڭ بېشىنى يوقلىمىساڭلار، بالاڭلارمۇ سىلەرنىڭ بېشىڭلارنى يوقلىماسلىقى مۇمكىن...چۈنكى، ئۇلارغا سىلەر ئۆگىتىسىلەر...ئۆگىتەلمىسەڭلار، ئۆگۈنەلمەيدۇ...ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا شۇنداق ئۆتۈپ كېتىدۇ،- بۇ ئۇلارغا دەيدىغانلىرىم...
-سىلەرمۇ شۇ...شۇنداق بىر قائىدىسىنى قىلىش ئۈچۈن كەلگەن بولساڭلار كەينىڭلارغا يېنىپ كېتىڭلار... ئۇلار ئارامخۇدا ياتسۇن، روھى تېخىمۇ قۇرۇلۇپ قالمىسۇن،- بۇ « ئۇلار»غا دەيدىغانلىرىم ئەلۋەتتە...
يەنە بار، مۇشۇ يەرگە، مۇشۇ مازارلىققا دەيدىغانلىرىممۇ بار. ناھايىتى كۆپ! بىراق، شۇنداقلا بىرلا ئېغىز گەپ قىلسام كۇپايە:
-ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم مازىرىم! بۈگۈن سەن بەكلا ئاۋاتقۇ؟!
ئەسلى مەنبەسى:
ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ!
http://www.uzar.cn
بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
تاللانغان رازۋې ..
ئاياللار سۇنى ك ..
ئەرلەرگە 100 ..
دادامنىڭ ۋېلىسى ..
ئاپتاپ قان راكى ..
ئەرلەرنىڭ دۈشەن ..
بالىلارنى بەك ق ..
قاچان كۇرەرمەن
دانىخورەكنى داۋ ..
ئىلھاملاند ..
تەبىئىي گازدىن ..
كېچىكىپ كەلگەن ..
بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز
بېكەت ھەققىدە
|
ئېلان مۇلازىمىتى
|
ھەمكارلاشقۇچىلىرىمىز
|
ئالاقىلىشىڭ
|
يانفۇن نەشىرى
蜀ICP备14029600号-8
Copyright 2015 UZAR.CN