تاللانغان رازۋېتكا ھېكايىلىرى (14)
توقۇلمىلىق قۇلۇلە
سودىگەر جىن جىخەي ئايالى توڭ شىياۋجۈن بىلەن بىللە ئىشنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىغا بېرىپ ئازراق كۆكتات سېتىۋېلىپ، ئۆيگە قايتىپ چۈشلۈك تاماق ئەتتى. تاماقنى يەپ بولۇپلا ئۆيدە تۇرماي ۋوگزالغا قاراپ كەتتى. ئۇ پويىزغا چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بىئارام بولۇشقا باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر كىچىك بېكەتتە چۈشۈپ قېلىپ دوختۇرغا كۆرۈندى.
دوختۇرلار ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن جىن جخەينىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالالمىدى. ئۇنىڭ ئايالى ئۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندە ساپساقلا ئىدى، يول ئۈستىدە چۈشىنىسىز ئۆلۈپ كېتىپتۇ، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ قەستلەش؟ تۇيۇقسىز كېسىلى تۇتۇپ قالدىمۇ؟ چوقۇم بىزنىڭ سودىدىكى تونۇشلىرىمىزدىن بىرى قەست قىلدى، چۈنكى ئۇلار تۈنۈگۈن كەچتە بىللە تاماق يېگەن، دېدى.
ساقچىلار دەرھال تەكشۈرۈشكە كىرىشىپ كەتتى. ئەگەر قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن بولسا، جىن جخەينىڭ بەدىندە يارا ئىزى قالغان بولاتتى، لېكىن جەسەتنى تەكشۈرۈشتىن كېيىن، ساقچىلار بۇ ئېھتىماللىقنى نەزەردىن ساقىت قىلدى.چۈنكى جىن جخەينىڭ تېرىسى ھېچقانداق زىيان زەخمەتكە ئۇچرىمىغان ئىدى. بۇ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلمىگەن بولسا، تۇيۇقسىز كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتتىمۇ؟
ساقچى تەرەپ ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، جىن جىخەي ئەزەلدىن ساغلام بولۇپ، ئادەتتە كېسەل بولۇپ باقمىغان، ئەجەللىك كېسەل دېگەندىن سۆز ئېچىش ئەسلا يوق گەپ ئىدى. نەتىجىدە، بۇ گۇمانمۇ يوققا چىقىرىلدى، ئۇنىڭ ئۆلۈمى ۋاقتىنچە سىر بولۇپ قالدى.
ساقچىلار ئۇ رەقىبى بىلەن بىللە تاماق يېگەن ئاشخانىغا بېرىپ، شۇ كۈندىكى قورۇمىلار تىزىملىكىنى تەكشۈردى، ئۇنى جەسەت تەكشۈرۈش ئوپراتسىيەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ رىقابەتچىسىنى دەرھال قولغا ئالدى. چۈنكى ساقچىلار ئۆلگۈچىنىڭ ئاشقازىنىدىن توقۇلمىلىق قۇلۇلە بايقىغان ئىدى.
دېلونى پاش قىلىشتىكى ئاچقۇچ نىمە؟
تاللانما رازۋېدكا ھېكايىلىرى (13) نىڭ جاۋابى:
ئۇ ئوقوغۇچى تاغاقنى تاللىغان، چۈنكى تاغاقنىڭ سىمۋوللۇق مەنىسى تەگكەن ھامان قوزغىلىش دېگەن بولىدۇ.