سىزنىڭچە يەرشارى كىمنىڭ؟
يەرشارى يەرشارىدىكى بارلىق جانلىقلارنىڭ، بۇ جانلىقلار بۇ پلانېتىدا ئورتاق ياشايدۇ، بىز ھەممىمىز يەرشارىغا مېھمان. يەرشارىنى سۆيۈش ئائىلىمىزنى سۆيگەنلىكىمىز بىلەن باراۋەر. بۇ نەچچە يىلدا يەرشارىدىكى بىر مەخلۇق، يەنى ئىنسانلار تەلۋىلەرچە ھاۋانى، سۇ مەنبەسىنى بۇلغاپ، قۇرۇلۇش قىلىپ، يەر يۈزى كۆلىمىنى ئىگىلەشكە باشلىدى.
ئىگىلەش. ئىتقا بىر ئۇۋا، قۇشقا بىر چاڭگا، چاشقانغا بىر كامار يېتىدۇ. لېكىن بەزى مەخلۇقلار 10 يۈرۈش، 20 يۈرۈش، 100 يۈرۈش، ھەتتا 200 يۈرۈش ئۆينى ئىگىلىۋېلىشتى. كىم بۇ مەخلۇقلارغا بۇ ھوقۇقنى بەردى؟ قارايدىغان بولساق، يەرشارىدىكى سانسىزلىغان ئېتىز يوللىرى يوقاپ كەتتى، كەڭ دالالار، ئېرىق-ئۆستەڭلەر، ئورمانلىقلار، بىكار بوشلۇقلار يوقاپ كەتتى...
ئېچىۋېتىش. شەھەرلەرنى پىلانسىز كېڭەيتىپ قۇرۇشنىڭ ئۆزى تەرەققىيات، بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى چەكلىمىسىز ھالدا تۇرخۇن قۇرۇشقا ئوپئوخشاش. پەقەت تۇرخۇننىڭ ئورنىنى ئېگىز بىنالار ئالدى. بۇرۇنلاردا ئۆيلەرنىڭ ئالدىدا قۇشقاچلارنىڭ ۋىچىرلاشلىرىنى ئاڭلاپ تۇراتتۇق، ھازىرچۇ؟ پاقىلارنىڭ كۇرۇلداشلىرىچۇ؟ ھەممىسى يوقاپ كەتتى.
بۇزۇش. نابۇت قىلىش. بۇ دۇنيا يالغۇز ئىنسانلارنىڭلا دۇنياسى بولماستىن ئىت، مۈشۈك، شىر، يولۋاس، پىللارنىڭمۇ دۇنياسى... لېكىن قاراڭ، ئىنسانلار تۇلۇقچى قوڭغۇز، كاككۇك، دەريا دېلفىنى قاتارلىق ھايۋانلارنى قەيەرگە ئاپىرىۋەتتى؟ كەركىدان، بۆرە، باغ قۇلۇلىسى قاتارلىقلارنى يوقىلىش گىردابىغا ئاپىرىپ قويدى، ھەتتا يوقىتىۋەتتى. بۇ دۇنيادا ھەممە نەرسە ۋەيران بولۇپ يوقىلىپ، يالغۇز ئىنسانلارغا قېلىپ قالسا، ئۇ چاغدا قانداق بولار؟
ھەي مەخلۇق ئىنسانلار، سىلەر ئۆزۈڭلارنى بىلمەي قالدىڭلار!
«قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى