ھاياتلىقتا...
ئاز-تولا ۋاقىت چىقىرىپ ئىشلەپ قويۇڭ، بۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئاساسى.
ئاز-تولا ۋاقىت چىقىرىپ ئويلىنىپ قويۇڭ، ئۇ كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ مەنبەسى.
ئاز-تولا ۋاقىت چىقىرىپ كىتاب ئوقۇپ قويۇڭ، ئۇ ئەقىل-پاراسەتنىڭ ئاساسى.
ئاز-تولا ۋاقىت چىقىرىپ ئويناپمۇ قويۇڭ، ئۇ ياش تۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى.
ئاز-تولا ۋاقىت چىقىرىپ كىشىلەر بىلەن دوستلىشىڭ،ئۇ بەختكە ئېرىشىشنىڭ يولى.
ئاز-تولا ۋاقىت چىقىرىپ خام خىيال قىلىپ قويۇڭ، ئۇ ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى تۇتۇشنىڭ ئېپى.
ئاز-تولا ۋاقىت چىقىرىپ مۇھەببەتلىشىڭ، ئۇ پەرىشتىلەرنىڭ ھوقۇقى.
ئاز-تولا ۋاقىت چىقىرىپ كۈلۈپ تۇرۇڭ، ئۇ مەنىۋى دۇنيارىڭىزنىڭ ئارامى.
ئاز-تولا ۋاقىت چىقىرىپ ئەتراپىڭىزغا نەزەر سېلىپ قويۇڭ، ھاياتلىق جاپالىق جەريان، ھەر كۈنى ئۆزىڭىز بىلەنلا بولۇپ كەتمەڭ.