تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
تەبىئىي گازدىن زەھەرلىنىپ قېلىشتىن پەخەس بولۇڭ

(ماتېرىيال سۈرەت)

   گۈلمىرە مۇھەممەد خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق كەسپىي كېسەللەر دوختۇرخانىسى يېقىندا، تەبىئىي گازدىن زەھەرلەنگەن بىر ئائىلىدىكى ئۈچ جاننى جىددىي قۇتقۇزۇپ داۋالىدى.

   سىرتتىن ئىشلەمچىلىككە كەلگەن بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى 15 – ماي ئىجارە ئالغان ئۆيىدە، ئۆزلىرى تەبىئىي گاز تۇڭىغا ئورنىتىۋالغان مۇنچىدا يۇيۇنغان، يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن تەبىئىي گاز تۇڭىنى ئېتىۋېتىشنى ئۇنتۇپ قالغان. نەتىجىدە، گاز تۇڭىدىن گاز چىقىپ كېتىپ، بىر ئائىلىدىكى ئۈچ جان تەبىئىي گازدىن زەھەرلىنىپ قالغان. ئەتىسى ئەتىگەن سائەت 9لار ئەتراپىدا قوشنىلىرى ئۇلارنىڭ تەبىئىي گازدىن زەھەرلىنىپ قالغانلىقىنى بايقاپ، دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان. دوختۇرلارنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇشى بىلەن، ئۇلار قۇتقۇزۇۋېلىنغان، ئەمما بۇ ئۈچەيلەندە ئوخشىمىغان دەرىجىدە كېسەللىك ئاسارىتى قالغان.

   ئاپتونوم رايونلۇق كەسپىي كېسەللەر دوختۇرخانىسى نېرۋا ئىچكى كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ كاندىدات مۇدىر ۋراچى ۋۇ دۇڭمېي مۇنداق دېدى: ھازىر ئائىلىلەردە تەبىئىي گازلىق مۇنچىلار كۆپىيىۋاتىدۇ. بۇنداق مۇنچىلارنى ئىشلەتكەندە ئۆيدە ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، پات – پات گاز تۇرۇبىسىنى تەكشۈرۈپ، گاز قېچىش ئەھۋالىنىڭ بار – يوقلۇقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش ئىنتايىن زۆرۈر. كۆپچىلىكنىڭ ھەر ۋاقىت بىخەتەرلىككە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز