تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
تۇرمۇش يېڭىلىقى بىلەن مەنىلىك

گۈللەر رەڭدارلىقى بىلەن گۈلزارلىقنى جەلپ قىلغىنىغا ئوخشاش، تۇرمۇشمۇ رەڭگارەڭلىكى بىلەن ھاياتنى مەنالارغا تويۇندۇرىدۇ. مەلۇم ئارام كۈنى بىر كىتاب دۇكىنىغا كىردىم، ياشقا چوڭراق، يارىشىملىق كىيىنىۋالغان، چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان دۇكان خوجايىنى دىققىتىمنى تارتتى. ئۇنىڭغا قىزىقىپ:

 ئاكا، ياشلىرى خېلى چوڭىيىپ قالسىمۇ دۇكان ئېچىپلا، بۇنىڭدا بىرەر سەۋەب بارمۇ قانداق؟  دەپ سورىدىم.

  بۇ يىل 65 ياشقا كىردىم، مەلۇم ئالىي مەكتەپتىن پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن مۇشۇ ئىشنى قىلىۋاتىمەن،  دېدى ئۇ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا.

 دېمەك، سىلى پېنسىيىگە چىققان ئىكەنلا، ئەسلىدە باشقا دوست-بۇرادەرلىرىگە ئوخشاش ئۆيلىرىدە ئارام ئالسىلا ياخشى بولماسمىدى ؟ دەپ سورىدىم.

 «ھەرىكەتتە بەرىكەت» دەپتىكەن ئۇكام، تۇرمۇشىمىز يېڭىلىنىپ تۇرۇشى كېرەك، پېنسىيىگە چىققان خېلى كۆپ تەڭتۇشلىرىم بار، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆيىدە بىكار ئولتۇرغانلىرىنىڭ كۆپىنچىسىگە ئۇزاق ئۆتمەي تۈرلۈك كېسەللىكلەر چاپلاشتى، ھەتتا بەزىلىرى ياش تۇرۇپلا ئۆلۈپ كەتتى، ئادەم بىرەر ئىش بىلەن مەشغۇل بولمىسا، كۈنلىرىدىن بەرىكەت كۆتۈرۈلىدىكەن. نەچچە كۈنلەپ ئۆيدە ئولتۇرغان ئەرلەرنىڭ ساقال-بۇرۇتلىرىنىمۇ ۋاقتىدا ئالغۇسى، كىيىم-كېچەكلىرىنىمۇ ئالماشتۇرۇپ تۇرغۇسى كەلمەيدىكەن. ئۆيىدە بىكار ئولتۇرغاچقا، نۇرغۇن تېگى توق خىياللار كاللىسىغا كىرىۋالىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بارغانسېرى روھى چۈشۈپ كېتىدىكەن، بۇ خىل ئەھۋال تەكرارلانغانسېرى روھىيەتتىكى زەئىپلىك تەندىكى بۇزۇلۇشقا ئېلىپ بېرىپ، تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە مۇپتىلا قىلىدىكەن. ئەجدادلىرىمىزنىڭ «بىكار تۇرغىچە، بىكارغا ئىشلە» دېگەن ھېكمىتىنىڭ توغرىلىقىنى بارغانسېرى ھېس قىلىۋاتىمەن. كۆرۈپ تۇرۇپسىز، تېنىم خېلىلا ساغلام، مۇبادا مەنمۇ « پېنسىيىگە چىقتىم، راھەت سۈرۈپ ئۆيدە بىكار ئولتۇرمايمۇ؟» دەپ ئويلىغان بولسا، ھازىرقىدەك كۆتۈرەڭگۈ روھقا، ساغلام تەنگە ئىگە بولالمىغان بولاتتىم. ھەر كۈنى سەھەر تۇرىمەن، ئادەتتە دۇكانغا كىرگەنلەر بىلەن ئەھۋاللىشىش ئارقىلىقمۇ ئىچ پۇشۇقۇم چىقىپ قالىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، قىيىنچىلىقى بارلارغا ھەقسىز كىتاب سوۋغا قىلىمەن، بۇنداق چاغلاردا كۆڭلۈم يورۇپ قالىدۇ.

بۇ ئاكىمىزنىڭ سۆزلىرى ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلدى. خېلى بىر مەزگىللەرگىچە: «بارچە بالالارنىڭ بېشى بىكارچىلىق، ئادەمنىڭ بىكار يۈرگەنسېرى بىكار يۈرگۈسى كېلىدۇ، بىكارچىلىق ئادەمنى ئاۋۋال روھىي جەھەتتىن، ئاندىن جىسمانىي جەھەتتىن تۈگەشتۈرىدۇ» دېگەنلىرىنى ئويلىدىم.


يېقىندا گېزىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان «ئامېرىكىدىكى 101 ياشلىق موماي پېنسىيىگە چىقىشنى رەت قىلدى» دېگەن خەۋەر مېنى جەلپ قىلدى. خەۋەردە دېيىلىشىچە: ئامېرىكىدىكى بىر كىيىم يۇيۇش شىركىتىنىڭ 101 ياشلىق خىزمەتچىسىگە خىزمەتداشلىرى «ياشىنىپ قالدىڭىز، ئەمدى ئۆيىڭىزدە ئارام ئېلىڭ» دېگەندە، ئۇ موماي: «ماڭا خىزمەت كېرەك، خىزمەتتىن خۇشاللىق تاپىمەن، خىزمەت تۇرمۇشۇمغا مەنە ئاتا قىلىدۇ، ۋۇجۇدۇمنى خىزمەتكە بېغىشلاش نۇرغۇن تەگسىز غەمدىن خالاس قىلىدۇ» دەپ، پېنسىيىگە چىقىشنى رەت قىلغان، ئەتراپىمىزغا قاراپ باقساق، نۇرغۇن كىشىلەر ئىمكان بولسىلا بالدۇرراق پېنسىيىگە چىقىشنى ئويلايدۇ، نۇرغۇن كىشى ئىشلەۋاتقان خىزمىتىنىڭ ئالدىراشلىقىدىن قاقشايدۇ، ئۇزاق مەزگىل بىكار يۈرۈشنى ئويلايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار تۇرمۇشىنى خىزمەتنىڭ يېڭىلاپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلمايدۇ. ئادەتتە توختام سۇ تېزلا سېسىيدۇ، ئۆركەشلەپ تۇرغان سۇ تېخىمۇ ھاياتى كۈچكە تولىدۇ، كىشىلەرنىڭ ھاياتىمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ، بەدەن بىكارچىلىقتا زەئىپلىشىدۇ، توختاۋسىز ھەرىكەت بەدەننى چېنىقتۇرۇپ، روھنى ساغلاملاشتۇرىدۇ، شۇڭا بىكارچىلىق، پىلانسىزلىق، تۇرغۇنلۇق ئاۋۋال روھىيىتىمىزنى، ئاندىن تېنىمىزنى چىرىتمىسۇن، ئىشچانلىق ھەممەيلەنگە يار بولسۇن، قىسقىسى تۇرمۇشىمىز يېڭىلىنىپ تۇرسۇن!

 

«قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز