Line نىڭ IPO ئىلتىماسى تاپشۇرغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر تارقالغان
يوللانغان ۋاقىت: 2014-07-16
يوللىغۇچى: ئۇزارجان
ئاۋاتلىقى: 862 قېتىم كۆرۈلدى
Line نىڭ IPO ئىلتىماسى تاپشۇرغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر تارقالغان

سىنا پەن-تېخنىكىسىنىڭ 15-ئىيۇل خەۋىرى: Reuter ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەھۋالدىن كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ياپونىيە تېز خەۋەرلىشىش شىركىتى Line تەخمىنەن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئاكسىيە سودا ئورنىغا تۇنجى ئاشكارا تەرەققىي قىلدۇرۇش (IPO) ئىلتىماسى سۇنغان بولۇپ، مۆلچەرلىگەن قىممەت 1 تىرىليون ياپونىيە پۇلى، يەنى تەخمىنەن 9 مىليارد 850 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن.
بۇ كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، Line شىركىتى نومۇرا پاي كونترول گۇرۇھى بىلەن كېلىشىپ IPO نى ئۈستىگە ئالغان ھەم بۇ شىركەت توكيو ۋە نىيويوركدىن ئىبارەت ئىككى شەھەردە بازارغا سېلىشنى ئويلاشقان. Line غا ئىگىدارچىلىق قىلىدىغىنى كورىيە Naver Corp شىركىتى ئىكەن.
Line تىز سۈرئەتتە ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئاسىيا ۋە لاتىن ئامېرىكىسى رايونىدا كەڭ كۆلەمدە ئالقىشقا ئېرىشكەن بولۇپ، دۇنيادىكى چۈشۈرۈلۈش مىقدارى 480 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن.
تەرجىمىدە: نەفىسە
ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى