تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
شىنجاڭ خۇسۇسىي داۋالاش ئاپپاراتلىرى جەمئىيىتى غەلبىلىك قۇرۇلدى

شىنجاڭ خۇسۇسىي داۋالاش ئاپپاراتلىرى جەمئىيىتى غەلبىلىك قۇرۇلدى


  2016-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى شىنجاڭ «دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدا بولمىغان» خۇسۇسىي داۋالاش ئاپپاراتلىرى جەمئىيىتى قۇرۇلۇش يىغىنى ۋە 10-قېتىملىق شىنجاڭ پۇقراۋىي دوختۇرخانىلار يىللىق يىغىنى غەلبىلىك ئېچىلدى.

 ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈم مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونۇم رايونلۇق سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرىتارى ۋەن شۈي، شىنجاڭ تەرەققىيات سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى سۈن گۇاڭ شىن، شىنجاڭ تىببىي ئىلىم جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى مەمەت ياسىن قاتارلىق رەھبەرلەر يىغىنغا قاتنىشىپ، جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىنى قۇتلۇقلىدى ۋە تەبرىك سۆزلىرىنى قىلدى.

  نەق مەيداندا بېلەت تاشلاپ سايلاش ئارقىلىق، جەمئىيەت باشلىقى، مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى، باش كاتىپ، كېڭەش ئەزا ئورۇنلىرى بېكىتىپ چىقىلدى.

  شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى شەرەپ بىلەن خۇسۇسىي داۋالاش ئاپپاراتلىرى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقلىق شەرىپىگە ئىگە بولدى.

  شىنجاڭ خۇسۇسىي داۋالاش ئاپپاراتلىرى جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى شىنجاڭدىكى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدا بولمىغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىسلاھات تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئۆلچەملىك، ئىلمىي، تەرتىپلىك، ساغلام بولغان، شۇنداقلا "ساغلام شىنجاڭ" قۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم ياردەمچى ئاپپاراتلىق رولىنى ئۆتەشتە مۇھىم رول ئۆتەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭمۇ كۆپ خىللاشقان، يۇقىرى سۈپەتلىك داۋالاش سەھىيە مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  جەمئىيىتىمىز خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ تېخىمۇ چوڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا مۇھتاج، ساغلاملىق ساھەسى دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادىي ساھە تۈرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە داۋالاش، پەرۋىش، ياشانغانلارنى بېقىش، سۇغۇرتا، دورىگەرلىك ۋە باشقا بىر قىسىم ساقلىقنى ساقلاش ساھەلىرىنىڭ ھەممىسى خۇسۇسىيلار ئىگىدارلىقىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كەڭ بولغان تەرەققىيات بوشلۇقىنى تەمىنلەپ بېرىدۇ.

  2015-يىلى 38پۇقراۋىي دوختۇرخانىلار شەرەپ بىلەن مەملىكەتلىك ئەڭ قىممەتكە ئىگە پۇقراۋىي دوختۇرخانا ۋە پۇقرالار خاتىرجەم بولىدىغان نەمۇنىلىك دوختۇرخانا شەرىپىگە ئېرىشكەن، شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسىمۇ مەملىكەت بويىچە پۇقرالار خاتىرجەم بولىدىغان نەمۇنىلىك دوختۇرخانا شەرىپىگە ئېرىشكەن ئىدى.

  ستاتىستىكىدىن مەلۇم بولىشىچە، بولۇپمۇ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ يېقىدىن قوللىشى ۋە ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن، نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى خۇسۇسىي داۋالاش ئورگانلىرى ۋە چوڭ-كىچىك كۆلەمدىكى ئامبولاتورىيەلەرنىڭ جەمئىي سانى 5000دىن ئاشقان بولۇپ، شىنجاڭدىكى داۋالاش مۇلازىمەت سېستىمىسنىڭ ئەڭ مۇھىم تەشكىلىي قىسمىغا ئايلىنىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى كۆپ خىل داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىدە كۆتۈرمەكتە.


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز