تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
يەللىك بوغۇم ئاغرىقىغا گرىپتار بولغانلار سەمىگە

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

يەللىك بوغۇم ئاغرىقىغا گىرىپتار بولغانلار تەركىبىدە پۇرىن يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكى كېرەك. پۇرىن ماددا ئالمىشىش جەريانىدا بەدەندە سۈيدۈك كىسلاتاسى بولۇپ پارچىلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھايۋاناتلارنىڭ ئىچكى ئەزاسى، يىلىك، دېڭىز نازۇ-نېمەتلىرى، ساردىنا بېلىقى، بېلىجان، تەخسىسىمان ساقاقلىق قىسقۇچپاقا، شورپا قاتارلىقلار تەركىبىدە يۇقىرى يېمەكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك. 

سۈپەتلىك گۈرۈچ،سۈپەتلىك ئاق ئۇن ۋە يۇمشاق تارتىلغان قوناق ئۇنى، ئۆرۈك مېغىزى، ياڭاق، خاسىڭ مېغىزى قاتارلىق قاتتىق يېمەكلىكلەر، تۈرلۈك مېۋىلەر ۋە كۆكتاتلارنىڭ كۆپىنچىسىدە پۇرىن كۆپ بولمايدۇ،شۇڭا يەپ بەرسە بولىدۇ. سۈت ۋە تۇخۇم تەركىبىدە پۇرىن بولمايدۇ، شۇڭا ھايۋان ئاقسىلنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى بولالايدۇ. 

بۇرىن سۇدا ئېرىيدىغان ماددا، بۇ خۇسۇسىيەتكە ئاساسەن بىمارلار داۋالىنىش مەزگىلىدە دۇفۇنى ئاز مىقداردا يەپ بەرسە بولىدۇ، ئەمما سېرىق پۇرچاق يىسە، پۇرچاق سۈتى ئىچسە بولمايدۇ، توخۇنى سۇدا پۇشۇرغاندا، يىلىكتىكى، توخۇ مېڭىسىدىكى پۇرىنلار پارچىلىنىپ شورپىغا چىقىدۇ، شۇڭا توخۇ شورپىسىنى ئىچمەسلىك كېرەك. 

ھاراق ئىچمەسلىك، بولۇپمۇ پىۋا ئىچمەسلىك كېرەك. 

يەللىك بوغۇم ئاغرىقىغا گىرىپتار بولغانلار يەنە بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشى، ئەڭ ياخشى ئېغىرلىقى ئۆلچەملىك ئېغىرلىقتىن سەل تۆۋەن بولۇشى، كۈندە قوبۇل قىلىنغان ئومۇمىي ئىسسىقلىق مىقدارىنى تۆۋەنلىتىشى كېرەك. 


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز