تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئايىمنىسا سۇلايمان: ئايال، ئاسمان ۋە يەنە قۇياش

ئايال، ئاسمان ۋە يەنە قۇياش

 

 

ئايىمنىسا سۇلايمان




        شائىرە ئايىمنىسا سۇلايمان 1982- يىلى 6- ئايدا كېرىيە ناھىيەسىنىڭ قاراقىر يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1999- يىلى خوتەن پېداگوگىكا مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن، 2002-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە خوتەن مائارىپ   ئىنستىتۇتىدا تىل –ئەدەبىيات تولۇق كۇرس كەسپى بويىچە بىلىم ئاشۇرغان.  2004-يىلىدىن ئېتىبارەن كېرىيە ناھىيەلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپتە  ئىشلەۋاتىدۇ.

ئايىمنىسا سۇلايماننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتى تولۇقسىز ئوتتۇرا  مەكتەپتە  ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتىلا باشلانغان بولۇپ، 2000-يىلى «ئاقسۇ ئەدەبىياتى » ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «سۈرگۈن قىلما ھىجران چۆلىگە » ناملىق شېئىرى بىلەن رەسمىي ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە قوشۇلغان.

       2000-يىلىدىن ھازىرغىچە «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»،«يېڭى قاشتېشى»، «تارىم»، «تەڭرىتاغ»، «تۇرپان»، «قۇمۇل ئەدەبىياتى »، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «شىنجاڭ ئاياللىرى»، «جۇڭگو مىللەتلىرى»، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»،«قىزىلسۇ ئەدەبىياتى»، «قەشقەر ئەدەبىياتى »، «مايبۇلاق»،«كۆكبۇلاق» قاتارلىق ژۇرناللاردا ئارقا-ئارقىدىن 800 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ، نەسىر، ھېكايە، ئوبزور، ماقالە، فېليەتونلىرى ئېلان قىلىنغان.  2002-، 2003-، 2004- يىللىرى  خوتەن  ۋىلايىتىدە   ئۆتكۈزۈلگەن  نادىر ئەسەرلەرنى باھالاشتا ئۇدا بىرىنچى دەرىجىگە ئېرىشكەن. «تارىم » ژۇرنىلىدا  ئېلان قىلىنغان «شېئىر بولۇپ يېزىلغان سەن كىم ؟» ناملىق بىر گۇرۇپپا شېئىرى  2005-يىللىق «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا  ئېرىشكەن.  2006-  يىلى  1- ئايدا «ئوت پەسلى » ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى نەشىر  قىلدۇرغان. 2007-يىلى شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن «ئوقۇتۇش تەتقىقات مۇھاكىمە مۇنبىرى» ناملىق ماقالىلار توپلىمىنى تۈزۈپ نەشىر قىلدۇرغان. «يۇرۇڭقاش شاتلىقى»،«كېرىيە قەسىدىسى» قاتارلىق بىرلەشمە توپلاملارغا بىر تۈركۈم ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن، ئۇ ھازىر  «چۈش ياپراقلىرى» ناملىق نەسىرلەر توپلىمىنى، «قەلبىمدىكى ئاسمان» ناملىق رومانىنى، «قىرىق چاچلىق قىز» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى نەشىرگە تەييارلاۋاتىدۇ. ئۇ «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»، «قۇمۇل ئەدەبىياتى»، «يېڭى قاشتېشى»،«كۆكبۇلاق»قاتارلىق ژۇرناللاردا تەرجىمىھالى ۋە بىر تۈركۈم ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشتۇرۇلغان.

        ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ، خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، كېرىيە ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمسىىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى.

 

 

 

 كىملىك

 

ئىچىمدىكى دېڭىزلارنىڭ ھۆركىرەشلىرى،

پەلەكلەرگە يەتكەنمىدۇ ھەر بىر ئاھىمدا؟

بىر ئوتتۇرمەن، شۇنداق كۆيۈپ، كۆيۈپ تۈگەيمەن،

بۇ مۇھەببەت جانغا پاتسا نە قىلار دۇنيا؟

 

مەن دۇنيانىڭ ھەسرىتىدە تەشۋىشلىك خىيال،

ھەم قەدەھسىز بىر شارابمەن شۇنچىلىك تونۇش.

مەن ھاياتنى بايان ئەيلەپ كېلىمەن تاڭغا،

چۈشلەر مېنىڭ كۈلپىتىمگە بەرسە دەپ توزۇش.

 

ھۆركىرەيمەن ئۆز-ئۆزۈمگە تىمتاس ۋە جىمجىت،

ئۆز-ئۆزۈمگە سىغمايمەن-ھە، نېچۈن، نە سەۋەب؟

مەن تەقدىرنىڭ ئوچىقىدا قاقشال بىر دەرەخ،

يوقلۇقۇمنى يۈرگەندىمەن ئېھتىمال ئىزدەپ...

 

 

ئېھتىمال

 

ئېھتىمال قەدرىمنى بىلمەيسەن جېنىم ،

بەك تېزلا توزۇيدۇ مەن سۇنغان گۈللەر.

ئېھتىمال ئالدايدۇ ناتونۇش قىسمەت ،

ھورلىنىپ يوقلۇققا سىڭگەنگە قەدەر.

 

ئېھتىمال چۈشلەرنى ئاقتۇرۇپ تەكرار ،

رېئاللىق تاشلايدۇ دىلغا جۇدالىق.

ئېھتىمال تەقدىرگە باش ئەگكەن پېتى ،

قالىدۇ  يەنىلا غېرىب تەنھالىق.

 

ئېھتىمال بارمايمەن سېنىڭ كوچاڭغا ،

مېھرىمنى بىردەستە چىمەنگە ئوراپ.

ئېھتىمال ئۇنتۇيسەن ھەممىنى تولۇق ،

كېتىسەن ۋەيەنە ئاستا يىراقلاپ.

 

 

  ئايال، ئاسمان ۋە يەنە قۇياش

 

 

ئاياللار بىر قۇياش ئۈچۈن ياشايدۇ،

شۇ قۇياش ئايالنىڭ دۇنياسى ھامان.

مۇھەببەت، مۇھەببەت،  ئاھ، ئۇنىڭ ئىسمى،

مۇھەببەت ئىچىدە گۈزەل بۇ جاھان.

 

بىر قۇياش ئىچىمدە تۇرىدۇ پارلاپ،

بىر ھايات ئالدىمدا ياتىدۇ چۈشتەك.

چېچىلغىن، زۇلمەتتىن قالمىسۇن ئەسەر،

ھەم نۇرغا ئايلانسۇن بۇ يۇمران  يۈرەك.

 

ئېھ، مېنىڭ قۇياشىم، تۆكۈل جېنىمغا،

كۆيدۈرگىن، تەپتىڭدىن كۈل بولۇپ كېتەي.

بەر ماڭا ئايانماي بارچە مېھرىڭنى،

ئوت كەتكەن جېنىمنى جېنىڭغا تۆكەي!

 

سۈپسۈزۈك ئاسمانمەن، سېنىڭ ئاسمىنىڭ،

سۈپسۈزۈك ھاياتمەن ساڭا تاشلانغان.

سەن بەختىم، قۇياشىم ئەبەدىل- ئەبەد،

نۇرلاندۇر ئاسمىنىمنى جېنىم قەدىردان!

 

 

ئوتتىكى ئايال

 

بىر ئوتتا قالغىنىمنى ساڭا دېمىدىم،

ئىچىمدە لىقمۇ-لىق شاراپ ياتىدۇ.

بىر چۆلمەن، ئۆزۈمگە سىغمايمەن ئەجەب،

كېچىلەر خىيالىمدا قاناپ ياتىدۇ.

 

سېغىنىش، سېغىنىش، يەنە سېغىنىش،

شۇ قەدەر زۇلمەتلىك تۈنلەرنىڭ رەڭگى.

ئېھ، سېنىڭ باغرىڭدا ئۆلۈپ قالغۇم بار،

مەڭگۈلۈك ئاھىغا يازسۇن پىرچەڭگى.

 

تېرەكلىك يوللاردا كېتىۋاتىمەن،

سېنىڭ يۈرىكىڭدۇر مېنىڭ مەنزىلىم.

ئېلىپ كەت! باغرىڭدا جېنىمنى بېرەي،

سەن مېنىڭ، مەن سېنىڭ جېنىم، ئامرىقىم!

 

بىر ھەسرەت يوللاردا ئەگىيدۇ لەرزان،

بىر قىسمەت ئىچىمدە تۇرىدۇ قاناپ.

سەن ماڭا، مەن ساڭا ئاقىمىز مەڭگۈ،

ئەبەدىي كۆكلەيسەن جېنىمدا ياشاپ.

 

ئوتتۇز ياش

 

ئوتتۇز ياش ھاياتنىڭ قىپقىزىل بەرگى،

بىر مەۋھۇم سىزىقتا پارلايدۇ قۇياش.

كۈلىدۇ ئەبەدىي سۇلماس بىر باھار،

شۇ قەدەر گۈزەل ۋە يارقىن ئوتتۇز ياش.

 

نازاكەت ئىچىدە ئېچىلار بىر گۈل،

ئوتتۇز ياش چۈشلەرگە بېرىدۇ جاۋاب.

بىر گۈزەل تەشۋىشتە ئۆتىدۇ يىللار،

ئوتتۇز ياش ھاياتتا بىر قەدەھ شاراب.

 

توزۇيدۇ بىر ئايال كۈنلەردەك بىر-بىر،

توزۇيدۇ ھاياتنىڭ ھەر بىر تىنىقى.

ئوتتۇز ياش كۆكلەرگە بوي سوزغان دەرەخ،

توزۇيدۇ ياپراقلار بىر-بىر ئاخىرى.

 

 

ئاشىق كوچىسى          

 

ئاي غەمكىن سەير ئەتتى ئۆز خانىسىگە ،

مەڭگۈلۈك تەنھالىقتىن قان بولدى باغرى.

ئاشىق كوچىسىدا قەلەندەر كۆزلەر ،

بۇلاقلار يىغلاپ- يىغلاپ چۆلگە ئايلاندى.

 

قىينالغان جان ئارا كەزدىم باياۋان ،

توغراقلار يىغلىسا سۈرتمەس يېشىنى.

شاماللار نېمىنى كۈيلەيدۇ يارقىن ؟

قان ئىدى ئەسلىدە يۇلغۇن چېچىكى.

 

قارامتۇل رەستىلەردە چاقنىماس يۇلتۇز ،

ئالەمچە مېھرىمگە ھەيران تەبىئەت.

بىر كۆيۈك ھىجرانغا مۇپتىلا قەلبىم ،

كۈيۈشتىن تاپىمەن مەڭگۈلۈك لەززەت.

 

 

   قايتىش              

 

 

باياۋان توزىماستا ئىزدەي چۈشۈڭنى ،

يېرىق لەۋلىرىمدە مۈگدىسۇن شەبنەم

مەڭگۈلۈك تەبەسسۇمغا تۆكۈلەي مەغرۇر ،

مەڭگۈلۈك تەنھالىقتا پارلىسۇن ئالەم.

 

توغراقلار ئەپسانە سۆزلەپ كېلىدۇ ،

قۇملار چايقىلىدۇ سۈزۈك يېتىرقاپ.

ئەزىم دەريانىڭ تاشقىن مېھرىدە ،

دولقۇنلاپ ئاقىدۇ كۈلكە ۋە ئازاب.

 

ھايات قىسمەتلىرىدە يېرىمدۇر كۆڭۈل ،

تاغلارنىڭ سۈلكىتىگە شاھىد كۆك ئاسمان.

ئۆزۈمنى - ئۆزۈمگە سۆزلەپ كېچىدە ،

مەڭگۈلۈك ھەسرىتىمگە قايتىمەن پىنھان.

 

 

 

يۇلقۇنۇش

 

تىپىرلايمەن ،

يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلماق بولۇپ.

تەكلىماكان -

يالغۇز قالغان رىۋايەتلەردە.

 

يۈرىكىمدە ئۇيۇپ قالغىنى ،

بىلىمەن،  ئۇ - ھېچكىمنىڭ كۆڭلى.

يالغۇز قالسام غېرىب تۈنلەردە ،

چۈشلىرىدە كۆرەر كىم مېنى ؟

 

رەستىلەر قۇرۇق ،

شاۋقۇنلايدۇ شەھەر خىرامان.

پارچە- پارچە قىلىپ يۈرەكنى ،

قان يۇتىدۇ سۇنۇق ھاياجان.

 

ئادرېسىمنى كىم بىلەر تولۇق ؟

شىۋىرلايدۇ سۈكۈتلۈك ئازاب.

ئاسمان غېرىب، يۈرەك ھىجراندا ،

كۈنلەر ئۆتەر چەكسىز قانسىراپ.

 

ئېھ، يالغۇزلۇق

شۇنچە شېرىن، مۇڭلۇقسەن، بىراق

نېمە بەردى ماڭا بۇ ھايات ؟!...

 

    ئاخىرقى چۈش

 

بىر گۈزەل سازلىق سەن، خەتەرلىرى كۆپ،

مەھلىيا بولغانچە چۆكۈپ كېتىمەن.

يېقىلماق بولىمەن باغرىڭغا، ئەمما

يېقىلسام شۇ لەھزە ئۆلۈپ كېتىمەن.

 

بەك تاتلىق ئازابسەن، شۇنچە ھۇزۇرلۇق،

تېتىيمەن سېنىلا يەنە شادىمان.

مېھرىڭدە چوغلىنىپ يانماق بولىمەن،

گەر كۇكۇم بولسىمۇ تاغۇ- تاش، ئاسمان.

 

بىر ئۇزۇن كوچىسەن، دوقمۇشلىرى كۆپ،

ماڭغانچە ئازىمەن ساھىللىرىڭدا.

ياشىىماق  بولىمەن سەن بىلەن مەڭگۈ،

ياشايمەن، ۋە لېكىن قالىمەن تەنھا.

 

 

 

 

«دوستلۇق »خاتىرىسى

 

نەقەدەر بىمەنە سەندىكى يۈرەك ،

نەقەدەر بىمەنە مەندىكى تىلەك.

 

مەڭگۈلۈك ئازابىم ساڭا يادىكار ،

سارغايغان ۋىجدانىڭ قىسىلسا دوستۇم.

ئەسلىدە بەرگىنىڭ قۇرۇق ۋەدىمۇ ؟

ھەسەتلىك تۇيغۇدا ئۆزگەردىڭ چوقۇم.

 

ئاخىرقى چىغىر يول ساڭا قالغىنى ،

ئەڭ رەزىل ئازابتا كۆيۈشكەن ئوتسەن.

دەز كەتكەن ئىشەنچتە خائىن تەبەسسۇم ،

سانچىلدى يۈرەككە سەن سۇنغان تىكەن.

 

مۇمكىنسىز رېئاللىق ، ئۇنتۇلغان خىيال ،

يىرتىلغان چۈشلەردە يوق ئەمدى نىقاب.

بەختنىڭ توزىغان ھىدلىرى بىلەن ،

ياشايسەن ئۆزۈڭنى مەڭگۈگە ئالداپ.

 

 

قارىمۇ-قارشىلىق

 

ناگىھان،

كېچىلەرنىڭ بولسا بىر يىپى،

يۈرەكلەرنى خامتالاش قىلغان.

كەتمەس ئىدى قۇياش ئۇنتۇلۇپ،

بولماس ئىدى بىپايان ئاسمان.

 

كۆڭۈللەردە ئەگىم-ئەگىم سۇ،

ھېچنىمىدۇر ئالىيجانابلىق.

ياشاپ بېقىش كېرەك ئاخىرى،

قىستىسىمۇ گۈزەل بەرباتلىق.

 

قۇياش شۇنچە نۇرلۇق بولمىسا،

بولارمىدى ئىسمى-ھە، قۇياش!

كېچە ئەگەر بولمىسا زۇلمەت،

بولار ئىدى بارچە يۈرەك تاش.

 

نۇر ۋە زۇلمەت،

بىر ئادەمنىڭ ئىككى تەرىپى،

ھەم قەدىمدىن قالغان رىۋايەت.

ئارىلىقسىز چۈشلەر بەرىبىر،

ئۆلۈم ئارا كېزەر ھەقىقەت.

ھايات دېگەن گۈزەل جىنايەت.

ئۆزۈڭ بولۇپ ياشىساڭ مەيلى،

بولسىمۇ گەر ياشاش مۇشەققەت.

 

 

رەڭلىرىمدىن دۇنيا بىھاجەت

 

رەڭلىرىمدىن دۇنيا بىھاجەت،

يېزىلمىغان شېئىرمەن ئەسلى.

تالجىقىشلار غېرىب ۋە مىسكىن،

يوقلۇق كۈتەر يوقلۇقۇم كەبىي.

 

خىيال دېگەن تاشلاندۇق سەھەر،

سۆيۈشلەردە بار ئۇلۇغ ھېكمەت.

ئېھ، سۆيۈلگەن بارچە نەرسىلەر،

بىر بەختتۇر ياكى بىر كۈلپەت.

 

مەن ئۇپۇققا ئوخشايمەن بەلكى،

ئاخىرلىشار ئۆزۈمدە ھەممە.

بىر سوئالدۇر قارىساڭ دۇنيا،

بىر قارىساڭ ئەمەس ھېچنىمە.

 

 

مەنبە:  «خوتەن مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 3-سانى

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز