بىر تاۋۇز ئالتە تەخسە گۈرۈچ تامىقى بىلەن تەڭ
تاۋۇزنىڭ %94 تىن كۆپرەكى سۇ، لېكىن ئۇنىڭ قەنت تەركىبى ۋە ئىسسىقلىق مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى. ئادەتتە تۆت-بەش كىلوگىراملىق بىر تاۋۇزدا 1000دىن 1250 كالورىيەگىچە ئىسسىقلىق مىقدارى بولىدىكەن. ئادەتتىكى بىر چىنە گۈرۈچ تامىقىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى 200 كىلو كالورىيە كېلىدىكەن. دېمەك، بىر تاۋۇز تەخمىنەن بەش-ئالتە چىنە گۈرۈچ تامىقى بىلەن تەڭ بولىدىكەن. تاۋۇزنىڭ قەنت تەركىبى يۇقىرى بولغاچقا، كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن يېگەندە بەدەندىكى ئىنسۇلىن مىقدارى يۇقىرىلاپ، ياغ پەيدا قىلىدىكەن. كەچتە ھەرىكەت ئاز بولغاچقا، بۇ ياغ ئاسانلىقچە ھەزىم بولماي، كىشى ئاسانلا سەمىرىپ كېتىدىكەن. شۇڭا كەچتە تاۋۇزنى كەچلىك تاماق ئورنىدا يېمەسلىك كېرەك ئىكەن.....