يۈرەككە پايدىلىق يېمەكلىكلەر
شاكاللىق مېۋىلەر: يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
تەسۋىقوناق مېغىزى: سۇدا ئېرىيدىغان تالاغا تەۋە بولۇپ، يۈرەكنى قوغدايدۇ.
قارا كۈنجۈت: قان تومۇرنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ساقلاپ ئارتېرىيە قېتىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
كۆممىقوناق: خولېستېرىننى ياخشى سۈمۈرىدۇ.
بەرەڭگە: يۈرەك فۇنكسىيەسى ئاجىز ئاغرىقلارنىڭ كۆپىنچىسىدە كالىي تۆۋەنلەپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، ھەمىشە بەرەڭگە يەپ بەرگەندە كالىي تولۇقلىغىلى بولىدۇ.
پالەك: يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ.
كەرەپشە: يۈرەك قان تومۇرلارنىڭ فۇنكسىيەسىنى ساقلايدۇ.
قېرىنقۇلاق: ئۈچەي - ئاشقازاننىڭ ھەرىكىتىنى ياخشىلاپ، خولېستېرىننىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنى تېزلىتىدۇ.
لامنارىيە: زىيانلىق ماددىلارنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنى تېزلىتىپ ئارتېرىيە قېتىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئەسلى مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى