ئەنجۈر ۋە ئەنجۈر سەيلىسى
ئەنجۈر-بۇ بىر خىل يۇمران ۋە كۆپ شاخلايدىغان، كەڭ يوپۇرماقلىق مېۋىلىك دەرەخ بولۇپ، ئۇ ئاساسەن، ياۋا ئەنجۈر (تاغ ئەنجۈرى) ۋە يەرلىك ئەنجۈر دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. ئۇنىڭ ياخشىسى يەرلىك ئەنجۈر بولۇپ، ئۇ باشقا مېۋىلىك دەرەخلەرگە قارىغاندا كۆپرەك مېۋە بېرىش، مېۋىسىنىڭ تەمىنىڭ شىرلىك ھەم تاتلىقلىقى، مېۋە بېرىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن، دورىلىق قىممىتى ۋە ئىقتىسادىي قىممىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن مەشھۇر مېۋىلىك دەرەخ ھىسابلىنىدۇ، شۇڭا كىشىلەر ئۇنىڭ مېۋىسىنى «شاخ مانتىسى» دەپمۇ ئاتىشىدۇ.
ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ ئەنجۈرلۈك باغ قىلىش، ھويلا-ئاراملاردا ياكى تەشتەكلەردە ئەنجۈر ئۆستۈرۈپ پايدىلىنىشنى ئادەت قىلىپ كەلگەن. ئەنجۈر يىلدا ئىككى قېتىم مېۋە بېرىدىغان ۋە چېچەكلىمەستىنلا مېۋىلەيدىغان دەرەخ بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى ئاپتونوم رايونىمىزدا، جۈملىدىن جەنۇبى شىنجاڭنىڭ قەشقەر، ئاتۇش، يوپۇرغا، يەكەن، قاغىلىق قاتارلىق ناھىيە، شەھەرلىرىدە كۆپرەك ئۆستۈرۈلىدۇ. ئەنجۈرنىڭ پىشىش ۋاقتى، يەنى 1-قېتىملىق پىشىش ۋاقتى 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 8-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە، 2-قېتىملىق پىشىش ۋاقتى 9-ئاينىڭ باشلىرىدىن تاكى 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە بولۇپ، ئۇنىڭ ئىستېمال قىلىنىش ۋاقتى 4 ئاي ئەتىراپىدا بولىدۇ .
ئەنجۈرنىڭ مېۋىسىنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتى يۇقىرى بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئۇنىڭ مېۋىسى ۋە يوپۇرماقلىرىنىڭمۇ دورىلىق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى، مېۋىسىنىڭ تەبىئىيىتى ھۆل ئىسسىققا مائىل بولۇپ، بەدەنگە ئوزۇق بولۇپ سەمرىتىش، يۈرەك ھەركىتىنى ياخشىلاش، چوڭ-كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، ئۆپكىنى ياشارتىپ يۆتەل توختىتىش، بەدەندىكى توسالغۇلارنى ئېچىش، بوۋاسىر ۋە ھەرخىل جاراھەتلەرنى داۋالاش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە. ئۇنىڭ مېۋىسىنى ئۆز پېتى يىگىلى بولغاندىن باشقا، يەنە ئەنجۈر مۇرابباسى ياساپ ياكى قۇرۇتۇۋىلىپ ئۇزۇن مۇددەت ساقلاپ ئىستېمال قىلىغىلىمۇ بولىدۇ.
ئەنجۈر سەيلىسىمۇ خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ۋە سەيلە-ساياھەت ئادەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئۇزاق تارىخقا ۋە ئاممىۋىلىققا ئىگە بولۇش سۈپىتى بىلەن كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىمىز ئىچىدە ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەنجۈر سەيلىسى ئادەتتە ھەر يىلى ئەنجۈرلەر تازا مەي باغلاپ پىشقان مەزگىللەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇ چاغلاردا ئەنجۈرلۈك بېغى بار كىشىلەرنىڭ تەكلىۋى بويىچە ئۇرۇق-تۇققان، دوست-بۇرادەرلەر جەم بولۇپ، ئەنجۈرلۈك باغلار ياكى ھويلا-ئاراملاردا سورۇن تۈزۈشۈپ، ئەنجۈرنىڭ تەمىنى تېتىپ كۆرگەچ، نەغمە-ناۋا قىلىپ، ناخشا، بېيىت-قوشاق ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ئۆز-ئارا باردى-كەلدىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، بىر-بىرى بىلەن بولغان ئىناق-ئىتتىپاقلىق ۋە دوستلىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ خىل سەيلە قىلىش ئادىتى تاكى ئەنجۈرلەر پىشىپ، ئاخىرلاشقانغا قەدەر ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ خىل سەيلە قىلىش ئادىتىمىزمۇ تۈرلۈك مېھماندارچىلىقلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى تۈپەيلىدىن بارا-بارا يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قېلىۋاتىدۇ.