قىشتا تار كىيىم كىيگەندە...
قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى : قىشتا تار كىيىم ۋە پايپاقلارنى ئۇزاق ۋاقىت كەيسە، ئاسانلا ئۈششۈك يارىسىغا گىرىپتار بولىدۇ.
قىش كۈنلىرى قىزلىرىمىز گۈزەللىك ئۈچۈن چىڭ چاپلىشىپ تۇرىدىغان تار كىيىملەرنى كىيىشكە ئامراق. تار كىيىملەر مەلۇم دائىرىنى ئىسسىق تۇتۇشى مۇمكىن، ئەگەر ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرمىسا، ئاياللار كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەتىرى چوڭ بولىدۇ. ئەگەر قىسىپ تۇرىدىغان پايپاق بىلەن تار كىيىملەرنى بىللە كىيگەندە مەسلە تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. چۈنكى ئۇنداق پايپاقلار بەدەننى بەكلا چىڭ سىقىپ تۇرغانلىقتىن، قان ئايلىنىشنىڭ راۋان بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، قىشتا تار كىيىم ۋە پايپاقلارنى ئۇزاق ۋاقىت كەيسە، ئاسانلا ئۈششۈك يارىسىغا گىرىپتار بولىدۇ.