جىنسىي غىدىق
تەبىئەت دۇنياسىدا، نۇرغۇن ھايۋاناتلارنىڭ مۇقۇم «كۈيلەش» مەزگىلى بولىدۇ. لېكىن ئىنسانلاردا بۇنداق مەخسۇس «كۈي پەسلى» بولمايدۇ. شۇڭا ئەر–ئايال ئىككى تەرەپنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى قوزغاش ئۈچۈن، ئۆز-ئارا مۇۋاپىق بولغان جىنسىي غىدىق بېرىپ، جىنسىي ھەۋەسنى قوزغىتىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ جىنسىي پەللىگە ئورتاق يېتىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئاساس ھېسابلىنىدۇ. جىنسىيەت ئىلمىدە، جىنسىي غىدىق دېگىنىمىزدە، جىنسىي ھاياجان پەيدا قىلالايدىغان، سەزگۈ ئەزالارغا بېرىلىدىغان سىگناللارنىڭ يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ مەزمۇن دائىرىسى مول بولۇپ، تۇرمۇشنىڭ كۆپ تەرەپلىرىگە باغلىنىشلىق بولىدۇ. ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغانلىرىدىن، كۆرۈش، ئاڭلاش، سىيلاش، پۇراش قاتارلىق سەزگۈلەر بار.
كۆرۈش سەزگۈسىدىن كېلىدىغان غىدىق بىر قەدەر ئومۇملاشقان. مەسىلەن، ئوبېكتىنىڭ يالىڭاچ بەدىنى، يارىشىملىق ئىچ كىيىمى، جىنسىي ئۇچۇر بېرىدىغان رەسىم ياكى فىلىم، خەت-چەك، ئۇچۇر يازمىلار دېگەندەك. ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئادەم بەدىنىدىكى سەزگۈ ئەزالارنىڭ قوبۇل قىلغان ئۇچۇر مىقدارىنىڭ %70-%80 ى كۆرۈش سېزىمىدىن كېلىدىكەن. جىنسىي تۇرمۇشتا كۆرۈش سېزىمىدىن كېلىدىغان غىدىقلاشمۇ ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى ئادەم مىڭىسىدىكى نۇرغۇن سەزگۈ نېرفلار كۆز بىلەن تۇتاشقان بولىدۇ، شۇڭا كۆرۈش سېزىمىدىن كەلگەن جىنسىي غىدىق بىۋاستە جىنسىي مەركىزى نېرۋا سېستىمىسىنى قوزغىتالايدۇ. بۇ خىل ئىنكاس مىخانىزىمى ئەر–ئايال ئىككىلا تەرەپكە ئورتاق، لېكىن ئاياللارغا سېلىشتۇرغاندا، ئەرلەرنىڭ كۆرۈش سېزىمدىن كەلگەن غىدىققا بولغان ئىنكاسى كۈچلۈكرەك بولىدۇ. ئاياللارنىڭ چىرايلىق ھۆسنى جامالى، گۈزەل تەن قۇرۇلىشى قاتارلىقلار ئەر كىشىنىڭ كەيپىياتىنى ئۇرغۇتۇپ، تېزلا جىنسىي ھەۋىسىنى قوزغىيالايدۇ.
ئاڭلاش سېزىمى دىگەندە، گەپ سۆز، تىنىق ئاۋازى، مۇزىكا قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. مەشۇقلار ئارىسىدىكى مۇھەببەتلىك سۆز ئىبارىلەر، قۇلاق تۈۋىدىكى تىنىق ئاۋازى ئاسانلا قارشى تەرەپنى ھاياجانغا سالىدۇ، جىنسىي ئىنتىلىشنى كۈچەيتىدۇ. چەتئەلدىكى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاياللارنىڭ ئاڭلاش سېزىمى ئەرلەرنىڭكىدىن سەزگۈر بولىدىكەن، شۇڭا جىنسىي ھەۋەسنى قوزغاش نوقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئاڭلاش سېزىمىدىن كېلىدىغان غىدىقلاشنىڭ ئاياللارغا تېخىمۇ ئۈنۈمى بولىدىكەن. لىرىك مۇزىكا بىلەن مۇھەببەتلىك پاراڭلار قوشۇلسا، رومانتىك ۋە ئىللىق مۇھىت شەكىللىنىپ، ئەر – ئاياللارنىڭ ئازادە ۋە خۇش كەيپىياتتا جىنسىي تۇرمۇش پەيزىنى سۈرۈشى ئۈچۈن پايدىلىق– ئەلۋەتتە.
تۇتۇش سېزىمى دىگەندە، ئەر–ئاياللارنىڭ ئۆز-ئارا قۇچاقلىشىش، سىيلىشىش ۋە سۆيۈشىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە، ئاياللارنىڭ قۇلاق ئارقى، بوينى، كۆكسى، كىچىك قوساق قىسىملىرى بىر قەدەر سەزگۈر كېلىدۇ، شۇڭا بۇ ئورۇنلارنى سىيلاش ۋە سۆيۈش ئارقىلىق ئاياللارنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى تېز قوزغاتقىلى بولىدۇ. ئەرلەرنىڭ ئەمچەك توپچىسى ۋە جىنسىي ئەزاسى بىر قەدەر سەزگۈر بولۇپ، بۇ ئورۇنلاغا غىدىقلاش بېرىلسە جىنسىي ھەۋىسى كۈچىيىدۇ. دېققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ئاياللارنىڭ تېگىشىش ئىستىگى ئەرلەرنىڭكىدىن كۈچلۈك بولىدۇ، شۇڭا ئەرلەر جىنسىي مۇناسىۋەت باشلىنىشتىن بۇرۇن، مۇناسىۋەت جەريانىدا ۋە مۇناسىۋەتتىن كېيىن، ئاياللارغا ھەمىشە قۇچاقلاش، سىيلاش ۋە سۆيۈش بېرىپ تۇرۇش لازىم، بۇ ئاياللارنىڭ جىنسىي ھاياتى كۈچىنى ساقلاپ قېلىشى ۋە جىنسىي سوغۇقلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پايدىلىق.
پۇراش سېزىمى دىگەندە، بەدەن ھىدى، ئەتتىر ۋە گىرىم بويۇملىرىنىڭ پۇرىقىنى كۆرسىتىدۇ. نۇرغۇن ھايۋاناتلار تېنىدە يات جىنسىلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدىغان پۇراق چىقىرىدىغان ئاجراتما بەزلەر بولىدۇ. گەرچە ئىنسانلارنىڭ پۇراش سېزىمى ئۇزاق مەزگىللىك تەدەرىجى تەرەققىيات جەريانىدا چېكىنىش يۈز بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەرلەرگە نىسبەتەن ئاياللار بەدىنىدىكى ئۆزگىچە پۇراق، خۇشبۇي ئەتتىر ياكى گىرىم بويۇملىرنىڭ پۇرىقى جىنسىي ھەۋەسنى مەلۇم دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرەلىشى مۇمكىن. بۇ خىل پۇراقلار كىشىگە بىر خىل راھەت بېغىشلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە قارشى تەرەپنىڭ جىنسىي ئىستىكىدىن بەرگەن خۇش سىگنالى بولۇشى مۇمكىن. ئەرلەر بەدىنىدىكى خاس تەر ئارىلاش ئەرلىك پۇراقمۇ بىر قىسىم ئاياللاردا ئالاھىدە قىزىقىش پەيدا قىلالىشى مۇمكىن.
مەنبە: شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى ئەرلەر بۆلۈم مەركىزى تەييارلىدى. كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا مەنبە ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ!