تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
كۆمۈر قالاشتىن پەيدا بولغان PM2.5 نىڭ زىيىنى ناھايىتى چوڭ

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

PM2.5نىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە مەلۇم. لېكىن ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدىن كۆمۈر قالاشتىن پەيدا بولغان بۇ ماددىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى ئىنتايىن چوڭ ئىكەنلىكى بايقالغان.

يېقىندا نەشردىن چىققان «مۇھىت ۋە ساغلاملىققا نەزەر» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان تەتقىقات نەتىجىسىدە دېيىلىشىچە، ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا بارلىق pm.2.5 زەررىچىسىدە زەھەرلىك ماددا بارلىقى ئېيتىلغان، لېكىن بۇنىڭ كېلىش مەنبەسى تەتقىق قىلىنمىغان ئىكەن. بۇ ژورنالدىكى تەتقىقات نەتىجىسىدە پۈتۈن ئامېرىكىدىكى زەررىچە ماددىسىنىڭ خەتىرىگە سېلىشتۇرغاندا، كۆمۈر قالاشتىن پەيدا بولغان pm.2.5دانچىسىنىڭ يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنى بەش ھەسسە يۇقۇرلىتىدىغانلىقى بايقالغان. 

ئامېرىكا مۇتەخەسىسلىرى 1982-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە 45شەھەردىكى 100/مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىش ئارقىلىق مۇنداق يەكۈن چىقارغان: نېفىت-خىمىيە يېقىلغۇسىدىكى كېرەكسىز ماددىلار يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە يېقىلغۇنىڭ تەسىرى ئەڭ چوڭ بولىدۇ، ئوتۇن قالىغاندا چىققان pm.2.5نىڭ زىيىنى نىسبەتەن تۆۋەن بولىدۇ. 

مۇتەخەسسلەر ئاخىرىدا مۇنداق دېيىشتى: ھاۋا بۇلغىنىشتىن كېلىپ چىققان، ئادەم ئۆلۈش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، يېقىلغۇ كېرەكسىز گازلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشنى ئازايتىش كېرەك. 


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز