تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ساغلاملىق ئۈچۈن يېمەك -ئىچمەك ئادىتىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

يېمەك ئىچمەك ئادىتى جەھەتتە ئاددىي ۋە ئەمەلىي ئۆزگىرىشلەرنى قىلىپ كۆرسىڭىز سالامەتلىكىڭىزنى ئاسراشتا ئويلىمىغان ئۈنۈمگە ئېرىشىشىڭىز مۇمكىن.

1.بۇغداي ئۇنى ئىستىمال قىلماي، ئارىلاشما ئۇننى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىڭ.بۇ، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى تەڭشەشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى. شۇنداقلا زىيادە سېمىزلىك، خولېستېرىن ئېشىپ كېتىش، قان تومۇر قېتىشىش ۋە يۈرەك قان تومۇرى توسۇلۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى.

2.ئاق شېكەر،قارا شېكەر ۋە ساخارېننىڭ ئورنىغا ئازراق ھەسەل ياكى تەبىئىي تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يەپ بېرىڭ.

3. تاماق يەۋېتىپ ئىچىملىك ئىچمەڭ، بولمىسا ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى سۇيۇلدۇرۇپ، ھەزىم قىلىشقا توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى تاماقتىن يېرىم سائەت ئىلگىرى ياكى كېيىن ئىچىملىك ئىچىش مۇۋاپىق.

4.كۆك چاي، جۈخۇا گۈلى چېيى ۋە يالپۇز چېيى قاتارلىقلارنى كۆپرەك، قەھۋەنى ئازراق ئىچىڭ. چاي ئىچكەندە شېكەر سالماسلىق، زۆرۈر تېپىلغاندا ئازراق ھەسەل قوشۇپ ئىچىش لازىم.

5. تۇزنى ئىمكانقەدەر ئاز ئىستېمال قىلىڭ.

6.كالا سۈتى ۋە پۇرچاق سۈتىنى كۆپرەك ئىچىپ بېرىڭ.


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز