پىسخولوگىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا كىشىلەرنىڭ فىزىئولوگىيىلىك، پسىخىكىلىك ئالاھىدىلىكى ۋە جەمئىيەتتىكى كەچۈرمىشلىرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تۈپەيلىدىن، كۆڭلىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ئۆزىگە خاس پىسخىك «يارىسى» بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ پىسخىك «يارىسى» ئوخشاش بولمايدۇ، سەزگۈرلۈك دەرىجىسىمۇ پەرقلىق بولىدۇ، ئەرلەرنى ئاياللارغا قارىغاندا ھەر قانداق ئىشقا چىداملىق دەپ قارىغاندىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە خاس نازۇك تەرەپلىرى بولىدۇ. بەزى گەپلەرنى ئويلىمايلا ئۇلارغا ئېيتىشقا ھەرگىز بولمايدۇ، ئاياللار ئەرلەرنىڭ پسىخىكىسىدىن ئاز-تولا خەۋەردار بولۇشى مەيلى ئىدارىدە ياكى ئائىلىدە بولسۇن، ئەرلەرنىڭ پىسخىك جەھەتتە ئۆزىنى قاچۇرىدىغان نازۇك تەرەپلىرىگە تېگىپ سالماسلىقى كېرەك. بۇ ئاياللارنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان دوستلۇق، مۇھەببەت ئورنېتىشى ۋە كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تەرەپ.
پىسخولوگىيە جەھەتتىكى ساۋاقلار بىزگە شۇنى ئۇقتۇرۇدىكى، ئەرلەر ئۆزىگە باھا بېرىشكە چېتىلىدىغان بەزى سۆزلەرگە تولىمۇ سەزگۈر كېلىدۇ، ھەتتا بۇنداق سۆزلەرنى ئاڭلاشنى خالىمايدۇ. شۇڭلاشقا ئاياللار ئەرلەر بىلەن ئارىلاشقاندا تۆۋەندىكى تەرەپلىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك:
1. ئەرلەرنىڭ قورقۇنچاقلىقنى زاڭلىق قىلماسلىق كېرەك. بەزى ئەرلەر قورقۇنچاق كېلىدۇ، ئۇلار بەزىدە كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈن قورقۇپ يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كەتكۈدەك بولۇپ كېتىدۇ. بۇنداق ئەرلەرنى ئاياللار ھەرگىزمۇ يۈزتۇرانە تۇرۇپ زاڭلىق قىلماسلىقى كېرەك، ئەگەر سىز باشقىلار ئالدىدا ئۇنىڭ قورقۇنچاقلىقنى ئېچىپ تاشلايدىغان بولسىڭىز،ئۇ سىزگە مېنىڭ ئەرلىك ئوبرازىمغا نۇقسان يەتكۈزدى، دەپ ئۆچمەنلىك قىلىدۇ.
2. چىرايىدىن قۇسۇر چىقارماسلىق كېرەك. ئەرلەر باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ چىراي شەكلىنى تەرىپلەشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەگەر سىزمۇ چىراي شەكلىنى تەرىپلەپ قويسىڭىز، ئۇ ئەردە بىر خىل ئىشەنچ ھاسىل قىلىپ، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە تېخىمۇ بىمالال قاتنىشىدىغان بولىدۇ. ئەگەر سىز ئۇنىڭ چىرايىغا باھا بەرگەندە زاڭلىق قىلغاندەك گەپ قىلسىڭىز، ئۇنىڭدا ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىپ، چىشىغا تېگىپ قويسىز ھەتتا ئۇ سىزدىن رەنجىپ قاتتىق غەزەپلىنىشى مۇمكىن. ئەرلەردىكى بۇنداق غەزەپنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ.
3. ئاياللار بىر ئەرنىڭ ئالدىدا ھەرگىز يەنە بىر ئەرنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ماختاپ كەتمەسلىكى كېرەك. چۈنكى ئەرلەردە تۇغما رىقابەتلىشىش كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇلار ھەم باشقىلارغا ئۇتتۇرۇپ قويۇشنى خالىمايدۇ ھەم باشقا ئەرلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ھەسەت قىلىدۇ، ئەگەر سىز ئۇنىڭ ئالدىدا باشقا ئەرلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەرىپلەپ كەتسىڭىز، بۇ چاغدا ئۇ مېنى قەستەن چۈشۈرۈۋاتىدۇ، دەپ ئويلاپ قالىدۇ.
4. ئەرلەرنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان تەرەپلىرىنى تىلغا ئالماسلىق كېرەك. نۇرغۇن ئەرلەر بىرەر ئىشتا نەتىجە قازىنىلانمىغانلىقىنى باشقىلارنىڭ تىلغا ئېلىشىنى ياقتۇرمايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، مۇۋەپپەقىيەت غەلىبە قازىنىش بىلەن ئەمەس بەلكى «مەغلۇب بولماسلىق»بىلەن ئۆلچىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىرەرسى ئۇنىڭ مەغلۇبىيەتنى تىلغا ئېلىپ قالسا، نومۇستىن قاتتىق غەزەپلىنىپ كېتىشى مۇمكىن.
5. ئەرلەرنىڭ ئائىلىدە ئوينايدىغان رولى ھەققىدە گەپ سۆز قىلماسلىق لازىم. ئەرلەر ئائىلىدە خوتۇنىغا نىسبەتەن ھەر قانچە ئامراق بولسىمۇ، ئاياللار بۇ ھەقتە باشقىلار ئالدىدا سۆز ئاچماسلىقى لازىم.
چۈنكى ئەرلەر كۆيۈمچان بولۇش ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشنى ئەرلىك غورۇرىغا نۇقسان يەتكۈزۈش دەپ قارايدۇ.
6. ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئاجىزلىقى ئۈستىدە سۆز ئاچماسلىق لازىم. ئەرلەرنىڭ بارلىق سىرلىرى ئىچىدە جىنسىي ئاجىزلىق ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم سىر ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئەرلەردە جىنسىي ئىقتىدار جەھەتتە ئازراق مەسىلە كۆرۈلسە، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ باشقىلارنىڭ ئانچە-مۇنچە گەپ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قالسا، بۇ ئۇلار ئۈچۈن قاتتىق زەربە بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىختىيارسىز ھالدا گاڭگىراش ۋە ئەندىشە قىلىشتەك پاسسىپ روھىي ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ.