1. سەۋرچان بولۇش: ياشانغانلارنىڭ كۆپىنچىسى جىقراق گەپ قىلىدۇ. كىچىككىنە ئىشلارنىمۇ ناھايتى تەپسىلىي، ئۇزۇن سۆزلەيدۇ. شۇڭا، ئۇلارنى توغرا چۈشىنىپ، سۆھبەتلەشكەندە كەڭ قورساق، ئېغىر بېسىق بولۇپ، گېپىنى دىققەت بىلەن ئاڭلاش كېرەك.
2. ئەستايىدىل بولۇش: ياشانغانلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ئەستايىدىل بولۇپ، ھەرگىزمۇ خوشياقمىغاندەك پوزىتسىيە تۇتماسلىق، گېپىنى بۆلۈۋەتمەسلىك كېرەك.
3. سەمىمىي ماختاش: ياشانغانلار بەزىدە كىچىك بالىلارغا ئوخشاش باشقىلارنىڭ ماختىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇڭا، ياشانغانلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىلىرىنى سەمىمىي ماختاش كېرك. بۇ ياشانغانلارنىڭ خوشال كەيپىياتىنى ساقلىشىغا پايدىلىق. ئەمەلىيەتتە، ھەر قانداق كىشى باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ئېتىراپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
4. ئەپچىللىك بىلەن خوشلىشىش: ياشانغانلار بىلەن سۆھبەتنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولغاندا يېڭى تېما توغرىسىدا گەپ باشلىماسلىق، ياشانغانلارنىڭ گېپى تۈگىگەندە «ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپ قالدى، كېيىن يەنە پاراڭلىشايلى»، «خېلى ئۇزۇن مۇڭداشتۇق، سىزمۇ چارچاپ قالماڭ» دېگەندەك سىلىق گەپلەر بىلەن سۆھبەتنى ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەك.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-01/28/content_494095.htm