ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
بەزىلەر كۆكتات بىلەن مېۋە-چېۋىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئوخشاش شۇڭا بىر-بىرىنىڭ ئورنىنى ئالالايدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە مېۋە بىلەن كۆكتات بىر-بىرىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ، بەلكى بۇ ئىككىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ يېسە ئاندىن ئۈنۈمى بولىدۇ. چۈنكى كۆكتات بىلەن مېۋىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە ساغلاملىققا بېرىدىغان پايدىسى كۆپ جەھەتتە ئوخشاشسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە تەم جەھەتتە ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى يەنىلا بار.
تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، «جۇڭگو پۇقرالىرى ئوزۇقلىنىش كۆرسەتمىسى» دىمۇ كۆكتات بىلەن مېۋىنى ئالماشتۇرۇپ يېيىشكە بولمايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. ئەمەلىيەتتە كۆكتاتنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى نىسبەتەن يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى كۆكتاتلاردا ۋىتامىن مىنېرال ماددا ۋە يېمەكلىك تالا مېۋىدىكىدىن كۆپ، مېۋىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئۇنىڭدا قەنت ۋە خۇشپۇراق ماددىلارنىڭ موللىقى، شۇڭا تەم جەھەتتە مېۋە ھامان كۆكتاتنى بېسىپ چۈشىدۇ.