تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
يامان ئىشتىن قول ئۈزمىگەن ئالدامچى قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز سائادەت مەخمۇت خەۋىرى: ئەلى بۇيىل 22ياشتا بولۇپ، 2012-يىلى 5-ئايدا ئوغرىلىق جىنايىتى ئۈچۈن مۇدەتلىك 10 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئىككى يىل ئەتراپىدا جىم يۈرگەن بولسىمۇ، بىراق جاپا تارتماي باي بولۇشنىڭ پۇرسىتىنى ئىزدەپ يۈردى.2014-يىلى 5-ئايىنىڭ 27-كۈنى ئەلى مەھەللە يولىدا تونۇشى ئالىم بىلەن ئۇچرىشىپ، ئالىمنىڭ 2869 يۈەن قىممىتىدىكى موتوسىكلىتىنى ‹‹يېقىن ئەتراپتىكى ئاغىنەمىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ چىقىۋالاي›› دەپ سوراپ ئېلىپ كېتىپ، موتوسىكىلىتنى مىنىپ شۇ كۈنى كۇچا ناھىيەسىگە بېرىپ موتوسىكىلىتنى باشقىلارغا 1600 يۈەنگە سېتىۋېتىپ پۇلىنى خەجلەپ تۈگەتتى. بۇنداق ئاسان قولغا كەلگەن پۇلدىن خۇشال بولۇپ ئاخىرىنى ئويلاپ يېتەلمىگەن ئەلى 2014-يىلى 6-ئاي مەزگىلىدە يەنە ئىككى قېتىم مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن باشقىلارنى ئالداپ موتوسىكىلىتىنى سوراپ ئېلىپ باشقا جايلارغا ئاپىرىپ تونۇمايدىغان كىشىلەرگە سېتىپ پۇلىنى خەجلەپ تۈگەتكەن.


   توقسۇ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئەلىنىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى يۇشۇرۇش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ مال–مۈلكىنى قانۇنسىز ئۆز ئىگىدارلىقىغا ئۆتكۈزۋالغان قىلمىشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىندۇ، دەپ قاراپ جاۋابكار ئەلىنىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن مۇدەتلىك ئىككى يىللىق قاماق جازاسى ۋە قوشۇمچە 3000 يۈەن ئىشتراپ قۇيۇش جازاسى ھۆكۈم قىلىدى.


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز