تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئوغلۇم

‏ئوغلۇم
‏ئامىنە مەتتۇرسۇن

‏تۇغۇلدۇڭ دۇنياغا ئارزۇلۇق ئوغلان
‏ياشىغىن غۇرۇر ھەم ۋىجدانىڭ بىلەن
‏يۇقاتما ئادەملىك ئەخلاقىڭنى سەن
‏ۋاپانى دوس تۇتار بوز يىگىت دىگەن .

‏ياشىغىن ھاياتقا تۆھپىلەر قۇشۇپ
‏بوپ قالما يارىماس ھاڭگىرت پېيىدەك
‏قەيسەر بول كەلسىمۇ بېشىڭغا كۈلپەت
‏جاپاغا باش ئەگمەس ئەزىمەت ئەركەك

‏ياشىغىن ئەركەكلىك جاسارەت بىلەن
‏ئۇلۇغۋار نىشانلار پۈككىن قەلبىڭگە
‏قالدۇرغىن ئۆچمەس ئىزئۈنمىسۇن تىكەن
‏مەن ئەر دەپ مۇشلىغىن دائىم مەيدەڭگە

‏ئەلگە ئىزىڭدىن تۈكۈلسە شەپقەت
‏رازىدۇر ئاناڭمۇ بەرگەن سۈتىدىن
‏ئانىلار تاپىنى ئاستىدا جەننەت
‏تانمايدۇ چىن ئەركەك نەسلى پۇشتىدىن

‏2013- يىلى 28- نۇيابىر (خوتەن)

 

ئەسلى مەنبەسى: uzar.cn
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز