لۆڭگىنى ئۇزاق ئىشلەتكەندە ئۇنىڭدىن بىر خىل غەلىتە پۇراق چىقىدۇ. كىشىلەر ئادەتتە لۆڭگىنى سوپۇن بىلەن يۇيۇشقا ئادەتلەنگەن. بىراق بۇنداق يۇيغاندا، لۆڭگە قۇرۇغاندىن كېيىن يىرىك بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا لۆڭگە يۇيغان سۇغا بىر قوشۇق تۇز سېلىۋېتىپ، ئاندىن يۇيسا، لۆڭگىدە ھېچقانداق غەيرىي پۇراق قالمايدۇ ھەم يېڭى سېتىۋالغاندىكىدەك يۇمشاق ھالىتىگە قايتىدۇ.
لۆڭگە رەختىدىن ئىشلەنگەن ئەدىيالنى يۇيسا، بۇرۇنقىدەك يۇمشاق بولماي قالىدۇ. شۇڭا ئەدىيالنى يۇيغاندا، سۇغا بىر ئىستاكان ئاق ئاچچىقسۇنى قۇيۇۋەتسە، ئەدىيالغا ئورناپ قالغان خىمىيىلىك ماددىلار يوقىتىپ، ئەدىيالنى پاكىزلاش ئۈنۈمىگىمۇ يەتكىلى بولىدۇ ۋە ئەدىيالمۇ ئەسلىدىكىدەك يۇمشاق ھالىتىگە قايتىدۇ. ئەدىيالنى يۇيۇپ قۇرۇتقاندىن كېيىن، تەكشىلەپ ئاپتاپقا سېلىۋەتكەندە، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.