تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئاچچىقلىنىش پۈتۈن بەدەنگە زىيان سالىدۇ

ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا ئاچچىقى يامان ئادەملەرنىڭ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش خەتىرى باشقىلارنىڭكىدىن 1.57 ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى، ئادەم ئون مىنۇت ئاچچىقلانسا سەرپ بولىدىغان ئېنىرگىيەنىڭ 3000 مېتىرغا يۈگۈرگەندە سەرپ بولىدىغان ئېنېرگىيەگە تەڭلىشىدىغانلىقىنى، شۇڭا دائىم ئاچچىقلىنىدىغان ئادەمنىڭ يۈرىكى بىلەن ئاشقازان ۋە ئۈچىيى زەخمىلىنىدىغانلىقىنى ھەمدە مۇنداق ئالامەتلەر كۆرىلىدىغانلىقىنى بايقىدى.

يۈرەك سوقۇش رىتىمى بۇزۇلىدۇ. ئاچچىقلانغاندا دەسلەپ تەسىرگە ئۇچرايدىغىنى يۈرەك قالايمىقان سالىدۇ، يەنە دائىم ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەيدىغانلاردىمۇ مۇشۇنداق ئالامەت كۆرۈلىدۇ.

ئاشقازان بىلەن ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى قىيىنلىشىدۇ. ئاچچىقلىنىش سىمپاتىك نېرۋىنى غىدىقلاپ ئاشقازان بىلەن ئۈچەيگە بارىدىغان قاننى ئازايتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى قىيىنلىشىپ ئىشتىھا تۇتۇلىدۇ، ھەتتا ئاشقازان يارىلىنىدۇ.

ئۆپكە نورماللىقىنى يوقىتىدۇ. ئاچچىقلانغاندا كەيپىيات جىددىيلىشىپ، ئۆپكىنىڭ ھاۋا ئالماشتۇرۇش يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، نەتىجىدە ئۆپكە پۈۋەكچىلىرى كېڭىيىدۇ-دە، ئۆپكىنىڭ نورمال ئىقتىدارى يوقىلىدۇ.

راك كېسىلى خەۋپى كۈچىيىدۇ. ئاچچىقلاش ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى ئالتە سائەت «ئىش تاشلاش» قا مەجبۇرلايدۇ، بۇنىڭ بىلەن راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى كۈچىيىدۇ.

تۈك خالىتىسى بۇزۇلىدۇ. ئاچچىقلانغاندا قان باشقا يىغىلىدۇ، بىراق قاندىكى ئوكسىگېن ئازىيىدۇ، نەتىجىدە زەھەرلىك ماددىلار كۆپىيىپ، تۈك خالتىسى ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ.

ھۈجەيرىلەرنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىپ، چوڭ مېڭىنىڭ ئىنكاسىنى ئاسىتىلىتىۋېتىدۇ. ئادەم ئاچچىقلانغاندا بېشى ئاغرىپ چىڭقىلىدۇ ۋە قايىدۇ، يۈزى قىزىرىپ مېڭىگە قان چۈشۈش خەتىرى كۈچىيىدۇ.

ئەسەبىيلىشىش كېسىلى قوزغىلىدۇ. ئاچچىقلانغاندا يەل راۋان بولمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن پىسخىكا بۇزۇلىدۇ، كەيپىيات تۆۋەنلەيدۇ، گۇمانخورلۇق كۈچىيىپ ئادەم ئەسەبىيلىشىدۇ، ھەتتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ.

 

 

«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىندى


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز